ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-20
ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىككى مىللەت ئايرىلالمايدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمىلى يەتتە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى خىتاي ساقچىلار خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، ھەتتا خىتايلار ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى خالىمايدىكەن.
2009-08-20
قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ 40 كۈنلۈكى مۇناسىۋىتى بىلەن نەزىر ئۆتكۈزدى. ئۇلار نەزىردە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى.
2009-08-20
ئاۋسترالىيىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى شىركىتى رىيو تىنتو نى 19.5 مىليارد دوللارغا خىتاي شىركىتى چىنالكو نىڭ سىتىۋىلىش پىلانىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىكار قىلغانلىقى، رىيو تىنتو شىركىتىنىڭ خىتتايدىكى دېرېكتورى ۋە ئۈچ خىزمەتچىسىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن "دۇلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان" دېگەن گۇناھ بىلەن قولغا ئىلىنىپ تا ھازىرغىچە تۇرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئىككى دۇلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
2009-08-20
خىتاي يېقىندا رابىيە قادىر سودا سارىيى ۋە ئەقىدە سودا سارىيىنى چېقىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئەقىدە سودا سارىيىنى بوشىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.
2009-08-20
قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرى بىرلىشىپ قۇرغان "ئارمان تەشكىلاتى" يېتەكچىلىرى ۋە ئەزالىرى 20 - ئاۋغۇست چۈشتە، ئالماتا شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئالاقىدار رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىش ئالدىدا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.
2009-08-20
شىنخۇا تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1000 دىن ئارتۇق خىتاي پاختا تېرىش ئىشچىسى چارشەنبە كۈنى گۇيجۇدىن يولغا چىققان مەخسۇس يولۇچىلار پويىزى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.
2009-08-20
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋىن رۇد چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىك سەۋەبى بىر مەھەل جىددىيلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "بىزنىڭ خىتاي بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار، ئەمما بىزنىڭ يەنە ھەم نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلىرىمىزمۇ بار. بۇ ئوخشاشماسلىقلار ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ۋە بەزىدە ئوخشىمىغان مەنپەئەتلەردىن كېلىپ چىققان،" دېدى.
2009-08-20
خىتايدا بۈگۈن يەنە بىر قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر ۋەقەدە 1354 بالا زەھەرلەنگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنپىڭ ناھىيىسىگە جايلاشقان مانگان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بالىلارنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ قېنىدا ئارتۇق مىقداردا قوغۇشۇن بايقالغان.
2009-08-20
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇنجى رەسمىي تور بېتىنى ئاچتى. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا ھەربىي كۈچىنى مەخپىي تۇتۇش بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تور بەتنى ھەربىي ئىشلىرىغا قىسمەن بولسىمۇ، ئوچۇقلۇق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاچقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
2009-08-20
ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىلەت تاشلاش بۈگۈن ئاياقلاشتى. ئەتىگەن سائەت 7 دە باشلانغان بىلەت تاشلاش ئاخشام سائەت 5 ئەتراپىدا ئاياقلاشتى.
2009-08-19
ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۆتكەن ھەپتىدىكى تېلىۋىزىيە نۇتقىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چەت ياقىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى "سەزگۈر مەھەللە" دەپ ئاتىغان، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقان غوللۇق ئۇنسۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى ئەنە ئەشۇ سەزگۈر نۇقتىلاردا يوشۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2009-08-19
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى تۈرلۈك شەكىللەردە ئېلىپ بارماقتا، ھەتتا ھەر يىلى 5 - ئاينى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى قىلىپ بېكىتىپ بىر ئايلارچە مەخسۇس كەڭ كۆلەملىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
2009-08-19
5 - ئيول ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگە قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرى تەرىپىدىن كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كۈچلۈك بىر ئىنكاستا بولماسلىقى شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم پارلامىت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
2009-08-19
قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ چېقىلىپ، بۇ رايوندىكى 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ھۆكۈمەت يېڭىدىن سالغان بىنالىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلۈش ۋەقەسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
2009-08-19
ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىلىپ دەرس ئۆتۈلگەن ئىدى.