ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-19
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى. سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇداپىيە مىنىستىرى مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەرھۇم مۇسۇل ھاجى مۇھىتى 1944 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى توكيودا ۋاپات بولۇپ، توكيودىكى مۇسۇلمانلار مازىرىغا دەپنە قىلىنغان.
2009-08-19
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاۋىستىرالىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىنىڭ بىرى " ئاۋىستىرالىيان " گېزىتىنىڭ 1 - بېتىگە "خىتاي رابىيە قادىر سەۋەبىدىن ئاۋسترالىيىگە زەھىرىنى سانجىۋالدى" دېگەن تېمىدا ماقالە بىسىلدى.
2009-08-19
مۇسۇلمانلار ئەگەر ئەمەل قىلسا، ئۇلار ئەڭ ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە كىشىلەردۇر. خەير - ساخاۋەت، بىر - بىرىنى يۆلەش، ياردەم قىلىش ۋە ئۆز - ئارا ھەمكارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن ياخشى ئادەت. خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار بۇ گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى خەير - ساخاۋەت روھى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
2009-08-19
شىنخۇئا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش خادىملىرى، 13 - ۋە 15 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەلۇم يېرىگە دۆۋىلەنگەن ئەخلەت ئارىسىدىن، خىش پارچىلىرى، تاش ۋە توقماق قاتارلىق نەرسىلەرنى تېرىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن.
2009-08-19
خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنى رابىيە قادىر ۋە رىئو تىنتو شىركىتى مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى چوقۇم قوغدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-19
بېيجىڭ ئەتراپىدىكى بىر زاۋۇتتا خىمىيىلىك مىكرو زەررىچىلەردىن زەھەرلەنگەن يەتتە نەپەر خىتاي قىزنىڭ ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن.
2009-08-19
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە، ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، مەخسۇس تېمىدا سىياسىي ئۆگىنىش باشلىدى.
2009-08-19
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ شەھىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر خىتاينىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىغا قارىتىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىنغان.
2009-08-18
ئافغانىستان پرېزىدېنت سايلىمىغا بىر كۈن قالغان پەيتتە، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەر خىل ھۇجۇملىرى كۈچىيشكە باشلىغان بولۇپ، 18 - ئاۋغۇست كۈنى پايتەخت كابۇل بىلەن جالالئاباد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
2009-08-18
نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي تور بەتلىرىدە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ پارتلاش سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ھەم زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.
2009-08-18
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيىنىڭ مادوكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان "باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى - ئويغان ئۇيغۇر" ناملىق رومان ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ ئاتاغلىق شائىرى، يازغۇچىسى ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1985 - يىلى نەشىر قىلىنغان "ئىز" ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن "ئويغانغان زىمىن" ناملىق رومانلىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان.
2009-08-18
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيىنىڭ مادوكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان "باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى - ئويغان ئۇيغۇر" ناملىق رومان ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ ئاتاغلىق شائىرى، يازغۇچىسى ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1985 - يىلى نەشىر قىلىنغان "ئىز" ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن "ئويغانغان زىمىن" ناملىق رومانلىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان.
2009-08-18
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر شائىرى، ئەدىبىياتشۇناس پروفېسسور پاتىگۇل سابىتوۋا دۈشەنبە كۈنى ئالماتادا ۋاپات بولدى. پاتىگۇل سابىتوۋا غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. لېكىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يىرىك ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى ئىدى.
2009-08-18
خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارىتا غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىنكاسلاردا بولمىغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئېغىر يوقۇتۇشلىرىغا نىسپەتەن تېگىشلىك ھېسداشلىق بىلدۈرمىگەنلىكى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا رادىكال چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش دولقۇنى قوزغىماقتا.
2009-08-18
يېقىندا خىتايلارنىڭ كانادادا چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۈيۈك جۇڭخۇا گېزىتىدە،بۇ گېزىتنىڭ ئوبزۇرچىسى شاۋ يۈ تەرىپىدىن " ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىپ باقايلى" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئوبزۇرچى ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ماقالە كانادادا ياشاۋاتقان خىتايلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.