ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-18
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى ۋە "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" پەيدا قىلغان ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىكنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
2009-08-18
ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن دۇنيا ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى ۋەقەگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ۋە بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنى ئالاھىدە جىددىگە تەكلىپ قىلىپ ئۆزى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ مەلۇمات ئالغان ئىدى.
2009-08-18
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى" ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى تارىخىدا يەنە بىر ۋەقە بولۇپ قالدى.
2009-08-18
شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ 18 - ئاۋغۇستتىكى خەۋەرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىمدىن 400 نەپەر ئەسكەرنى تاللاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن.
2009-08-18
خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردە يېقىندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى سەۋەبلىك تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق نارازىلىقلىرىنى توختاتمىغان.
2009-08-18
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ -17 ئاۋغۇستتىكى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، -5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ، بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ،-7 ئىيۇلدىن باشلاپ ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئالاھىدە قوراللىق قىسىملارنى يۆتكەشكە باشلىغان.
2009-08-18
سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، خىتاينىڭ 2008 - كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسەتكەن ئەيىبلەشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.
2009-08-18
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنى باشلاش ئالدىدا تۇرىدۇ. خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 17 - ئاۋغۇست خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپلەردە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانغا كىرگۈزگەن.
2009-08-17
دۇڭلىڭ قوغۇشۇن زاۋۇتى 2003 - يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فېڭشياڭ ناھىيىسىدە قۇرۇلماقچى بولغان. شۇ چاغدىلا قوغۇشۇن تاۋلاش ئىشى تېخنىكا جەھەتتىن ئۆلچەملىك بولمىسا، مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقى ۋە ئاھالىلەر ئارىسىدا ئېغىر كېسەللىككە سەۋەب بولىدىغانلىقى مۇزاكىرە تىمىسى بولغان.
2009-08-17
ئافغانىستاندا پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سايلام ئالدىدا نامزاتلار ئۆزلىرىنىڭ سايلام تەشۋىقاتلىرىنى ئىنتايىن ياخشى ئېلىپ بارغان. بۈگۈن سايلام تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، سايلامنىڭ ئاساسلىق نامزاتلىرى كابولدا تەرتىپلەنگەن ئون مىڭ كىشىلىك يىغىلىشلاردا ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلغان ۋە دۆلەت تېلىۋىزىيىسىدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.
2009-08-17
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل يىغىنلارنى چاقىرماقتا.
2009-08-17
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، تۈلۈك يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ۋەقەدە قۇربان بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ قۇرئان - تىلاۋەتلەر ئۆتكۈزمەكتە.
2009-08-17
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ۋەفا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يىغىن زالىدا 'ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر - مۇلاھىزىلەر' ناملىق يىغىن ئېچىلدى.
2009-08-17
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىچ ئولتۇراقلاشقان يامالىق تېغى، بەيگە مەيدانى، داۋان يېزىسى ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، قانۇنسىز ئۆيلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ چېقىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
2009-08-17
قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ماقالە، نۇتۇقلىرى بىلەن يوقىرى ئابرويغا ئېرىشكەن ئىبراھىم باسىت ئەپەندى بۇ يىل 11 - ئاۋغۇست كۈنى بېشكەكتە ئالەمدىن ئۆتتى.