ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-31
تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن. خىتاي تەرەپنى بىئارام قىلغان بۇ زىيارەت كۈتۈلمىگەن يېڭىلىققا دۇچ كەلدى.
2009-08-31
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما چېگرىسى ئىچىدىكى خىتاي مىللىتىنىڭ ئالاھىدە ئاپتونومىيىلىك رايونى كوكاڭ رايونىدا خىتاي مىللىتىنىڭ قوراللىق قوشۇنى بىلەن بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار داۋاملاشماقتا.
2009-08-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بېرمىدا ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن كوكاڭ رايونىدىكى يەرلىك قىسىملار ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنمۇ ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ. يۈننەن قىزىل كىرىس جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يوڭچۈننىڭ ئېنگىلىزچە چىقىدىغان 'خەلق گېزىتى'گە سۆزلەپ بېرىشىچە، بېرما تەرەپتىكى ئېتىشىش تۈنۈگۈن كېچىدە بىردەم توختىغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 لەردە يەنە باشلانغان.
2009-08-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كېچىدە، بېيجىڭدا 200 مىڭ كىشىلىك تەبرىك مەشىقى ئۆتكۈزدى. بۇ تەبرىك مەشىقىدە يەنە 60 دانە بېزەلگەن ئاپتوموبىل رول ئالدى. بۇ مەشىق بۈگۈن ئەتىگەندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى.
2009-08-30
'ئاۋسترالىيان گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى كەۋىن رۇدنى، خىتاينى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ، خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىدىكى قېيىن مەسىلىلەرنى، يەنى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى قېيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭى ئۈلگە ياراتتى، دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە مەدىھىيىلىگەن.
2009-08-30
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رۇسىيىنىڭ سېبىرىيىدىكى كراسنويارىسكى رايونىدا، خىتايلار 'جەنۇب بازىرى' دەپ ئاتىۋالغان بىر چوڭ بازاردا، خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجانلىق سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى.
2009-08-28
خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە جاۋابكار قىلىپ كۆرسىتىپ،مەزكۇر ۋەقەنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە چېگرا ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقى دەپ ئەيىبلىگەندىن سىرت، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى، رابىيە قادىر ھەمدە چەتئەلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتا قارشى پىكىر يۈرگۈزۈشكە تەشكىللەپ كەلمەكتە.
2009-08-28
77 يېشىدا مېڭىسدىكى ئۆسمە سەۋەبلىك ھايات بىلەن ۋىدالاشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەد كېننېدىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پەقەت ئامېرىكىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت لىدېرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تەزىيە تېلىگراممىلىرى يوللاپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.
2009-08-28
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن رانگۇن شەھىرىدىن بايان قىلىشىچە، بېرمىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى 1 - ئالاھىدە رايوندا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن. بېرمىنىڭ بۇ رايونىدىكى چېگرا خەلقى ۋە بۇ رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى پاراكەندە بولۇپ يۈننەنگە قېچىشقا باشلىغان.
2009-08-28
يېقىندا ۋەتەنگە تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغان بىر ئۇيغۇر، ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى.
2009-08-28
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغاندىن سىرت، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىراق تۈركمەن پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزىئوغلۇ ئىراق پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنى خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
2009-08-28
ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ سوتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىر قانچە ئايدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان قىزىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىلدى.
2009-08-28
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خىتايدا نەشر قىلىنىدىغان "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى"، "ئۇرۇش تەھدىتى خىتايدىن يىراق ئەمەس" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە شۇ كۈنى ئۇيغۇر بىز تور بېتىگە كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
2009-08-28
ئامېرىكا دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ، رابىيە قادىرغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.