ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-17
" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۇچۇن بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى خىتايغا يولغا سالدى.
2009-08-17
17 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، رۇسىيىنىڭ ئىنگۇشېتىيە رايونىدا، رۇس ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا 20 ساقچى ئۆلگەن ۋە يەنە بىر قىسىم ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 138 ئادەم ھەرخىل دەرىجىدە يارىلانغان.
2009-08-17
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا 900 مىليون يۈئەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-08-17
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە، يۈزلىگەن پۇقرالار نامايىش قىلىپ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىمىيە زاۋۇتىغا بېسىپ كىردى.
2009-08-17
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 10 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتنى زىيارەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆمەك بۇ ھەپتە تىبەتكە قاراپ يولغا چىقىدىكەن.
2009-08-16
رۇسىيىنىڭ "گازەتا.رۇ" تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ يىل رۇسىيىدىكى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ، 5مىليون 400 مىڭ ئەتراپىغا چۈشكەن. بىراق ئۆتكەن يىلى رۇسىيىدە تۇرىۋاتقان چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ سانى 13 مىليونغا يەتكەن ئىكەن.
2009-08-16
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12 - ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ دانە ھەربىي پاراخوتىنىڭ خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈش تەلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن.
2009-08-16
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللارى كلىنتون ئافرىقىدىكى يەتتە دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. بۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئافرىقا زىيارىتى بولغانلىقى باھالانماقتا.
2009-08-16
رۇسىيە نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلاردىن ھېسابلىنىدىغان سۇ - 27 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەۋلاد نۇسخىلىرىغا ئىگە بولۇپ، خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رۇسىيىنىڭ بۇ خىل ئىلغار ئايرۇپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي - تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى قوراللاندۇرىدۇ.
2009-08-15
خىتاي ھۆكۈمىتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىش قەدىمى بارغانچە كېڭەيتمەكتە. يەرلىك كىشىلەردىن ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كوپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر رايونلىرىدىن ئوردا ئالدى، ئارقا قورا، قارقا دەرۋازا، تۆشۈك دەرۋازا، قوناق بازىرى، ياغ بازىرى، ياۋاغ قاتارلىق مەھەللە رايونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چېقىلىپ بولغان.
2009-08-15
"شىنخۇا يانفون گېزىتى" دە خەۋەر قىلىنىشىچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دەرسلىكى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
2009-08-15
سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى چۈنچىرو كىئۇزۇمى ياپونىيە ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى - ياسۇكۇنى بۇزۇكگاھىنى تاۋاپ قىلدى.
2009-08-15
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كېرىمباي، 13 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھرىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ رايونى، جەنۇبى ئازاتلىق يولى مەھەللە كومىتېتىغا كېلىپ، بۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشكەن "مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كادىرلار" گۇرۇپپىسىنى يوقلىغان.
2009-08-15
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم ۋەب، بېرمىدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئامېرىكا پۇقراسىنى قۇتۇلدۇردى. BBC دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پۇقراسى جون يېتتاۋ، بېرمىدىكى داڭلىق دېموكرات ئاڭ سان سۇكىيى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
2009-08-14
ئۈرۈمچى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئۈرۈمچىگە كەلگەن دېھقان ئىشچىلارغا بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سىياسەتلەردە، دېھقان ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش، ساقلىق سۇغۇرتا ۋە بانكا ھېساباتى ئېچىشقا قەدەر تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىكەن.