ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-09
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ئافغانىستاندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچماقچى بولغان بىر ئايروپىلان "بومبا" ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان.
2009-08-09
گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 13 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسىمى تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا قوبۇل قىلىنىپ، 1 - ئايدىن بۇرۇن بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
2009-08-09
ئېغىر دەرىجىدىكى تەيفېڭ بورىنى فۇجيەن ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىرغاق بويلىرىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئېغىر پاجيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.
2009-08-09
مىنباۋ گېزىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ يېزىشىچە، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ شەھەردىكى ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىۋاتقان كۆچمە نوپۇسلارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.
2009-08-09
جەنۋە شەھىرىدە تىبەتلەر بىلەن خىتاي زىيالىيلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن خىتاي - تىبەت دىئالوگ يىغىنى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشتى. بۇ پائالىيەتكە چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان بىر قىسىم تىبەت ۋە خىتاي زىيالىيلىرى ھەم پائالىيەتچىلىر ئىشتىراك قىلىپ، پىكىر بايان قىلغان.
2009-08-08
مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان “مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى” ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش مۇراسىمى، شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن مېلبۇرندا غەلىبىلىك ئېچىلدى.
2009-08-08
ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن خىتايپەرەس نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، توقۇنۇش شەنبە كۈنى فېستىۋال زالى يېنىدا مەيدانغا كەلگەن.
2009-08-08
"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلار سانى كۆپ بولغاچقا، مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى فىلىمنى تېخىمۇ چوڭ زالغا يۆتكەشمەك مەجبۇر بولغان.
2009-08-07
ېيجىڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۇ جىيۇڭ ئۆتكەن ھەپتە باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بېيجىڭ دائىرىلىرى ئادۋوكاتلارنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.
2009-08-07
6 - ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىنىڭ خىروشىما ئارىلىدىكى تىنچلىق خاتىرىسى باغچىسىدا، خىروشىمانىڭ ئاتوم بومبىسى زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى خاتىرىلەش، ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە شۇنىڭدەك دۇنيانى تىنچلىققا چاقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-08-07
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۈڭنىڭ "خىتاي ھەققىدە سۆھبەت" ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلدى.
2009-08-07
رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدىكى فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىش ئۈچۈن مېلبورن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى.
2009-08-07
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىى `5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزى` ناملىق CD پىلاستىنكىسى تارقاتماقتا. CD پىلاستىكىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا تۈرك تىلىدا` 5 تەممۇز ئۈرۈمچى ئولايىنىن ئىچ يۈزۈ` دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئاستىغا كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئاپتوموبىللار ۋە تاياق يېگەن خىتايلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
2009-08-07
جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا خىتاينىڭ ئىرقىي مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
2009-08-07
تۈركىيىنىڭ ۋاقىت گېزىتى ئىدارىسى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇ خەتتە، ۋاقىت گېزىتى ئانتى چىن يەنى خىتايغا قارشى ئاخبارات تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئۇ خەتتە يەنە، تۈركىيىنىڭ سائادەت پارتىيىسىنى ئەيىبلەپ خىتايغا قارشى قانۇنسىز يىغىن ئۇيۇشتۇردى دەپ تەنقىد قىلغان.