ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-07
دوۋى تور بىتى 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلدى: خىتايدا نەشر قىلىنىدىغان "ياشلار پايدىلىنىش ماتېرىيالى" ژۇرنىلىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرى جۇ دەنجى، ۋۇيى رو قاتارلىق ئەپەندىلەر يازغان " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا - قايتا نارازىلىق قىلىشلىرىغا قارىماي، ياپونىيە "ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى" نامىدا، ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسىغا ياپۇنىيىنى زىيارەت قىلىشقا ۋىزا بەردى، بۇ كىشى ياپونىيىدە نېمە ئۆسەكلەرنى تارقاتتى؟ " ماۋزۇلۇق ماقالىدا، " ياپونىيە ھۆكۈمىتى نېمىشقا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ياپونىيىگە كېلىپ ئۆسەك تارقىتىپ ئىش تېرىشىغا يول قويىدۇ؟ " دەپ سوئال قويدى.
2009-08-07
ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋستىرالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى ئاقلىدى.
2009-08-07
خىتاي ۋەكىلى جۈمە كۈنى ب د ت دا سۆز قىلىپ، 2008 - يىلى يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسى بىلەن يېقىندا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىغا ئارتقان.
2009-08-07
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمېي شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبىدىن قاماپ قويۇلغانلىقىنى رەت قىلدى.
2009-08-07
خىتاي ھۆكۈمىتى 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىچىلىقىدىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىدىن يەنە ۋاز كەچمىدى.
2009-08-07
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى ئاۋستىرالىيىدە، ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
2009-08-06
خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك بېسىم ۋە بايقۇت قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، مېلبورىندىكى ئاۋسىترالىيە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ كۆرسىتىلىشىنى توسىماقچى بولغان ئىدى. لېكىن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى ئەكس تەسىر قوزغاپ، ئاۋستىرالىيە فىلىم فېستىۋالى ۋە رابىيە خانىم ھەققىدىكى فىلىمنىڭ داڭقىنى چىقارغان.
2009-08-06
" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا ھازىر بىر ئاي بولدى. بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ دۇنياغا تونۇلدى.
2009-08-06
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۇچۇن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم مېلبۇرن شەھىرىدە يەنە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
2009-08-06
خىتاي دائىرىلىرى - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇش ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىمۇ بۇ كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش تەشەببۇسىنىڭ يوللۇقلۇقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنداقلا بۇ ھەقتە قايتا ھەمكارلىق سىگنالى بەرمەكتە، ھەتتا مۇشۇ باھانىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر كىرگۈزۈشتەك غەرىزىنىمۇ ئاشكارلىدى.
2009-08-06
كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭ 5 - ئىيۈل كۈنى ئۈرۈمچىدە تىنچلىق شەكىلدىكى نامايىشنى قانلىق شەكىلدە باستۇرغانلىقى ۋە بۇ نامايىشتىن كېيىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ - كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قارشى، 5 - ئاۋغۇست كۈنى، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2009-08-06
ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئىرقىي، مەدەنىي ۋە دىنىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەن ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىشلىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈركىيىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن، مەزلۇم دەر ئىسىمى بىلەن تونۇلغان يەنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملارغا ھەمكارلىق قىلىش جەمئىيىتى، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق 9 خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.
2009-08-06
8 - ئاينىڭ4 - كۈنى ياپونىيىنىڭ كاگۇشىما شەھىرىدە `شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ` ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە 5 - فېۋرال ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە نوقتىلىق ھالدا توختالغان.
2009-08-06
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 83 كىشى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى 5 - ئىيۇل كۈنى ۋەقەسىدە "ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش، ئوت قويۇش ۋە بۇلاش " قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازالايدىكەن.
2009-08-06
گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر ئىشقا ئورۇنلاشتى.