ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-06
بېيجىڭدىكى "جۇڭگودا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار تەشكىلاتى" پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
2009-08-06
خىتاي ۋە ھىندىستان ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان چېگرا مەسىلسىىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى 13 - قېتىملىق سۆھبەتنى باشلىماقچى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆھبەت يېڭى دېھلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تەرەپلەر ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ سۆھبەتتىن نەتىجە چىقىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
2009-08-06
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تور خاككېرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مېلبورن خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە ئىسىم جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن بولغان مېلبورن خەلقئارالىق سەنئەت فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تور بېتىگە خىتاي بايرىقى ۋە رابىيە قادىر خانىمغا قارشى سۆزلەرنى قالدۇرۇپ قويغان.
2009-08-05
تېنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋ، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار پالاۋغا بېرىش تەكلىپى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقان ئىدى.
2009-08-05
تېخى يېقىندىلا خىتاي 2009 - تىنچلىق بۇرچى نامىدا رۇسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ھەربىي ئىشلارغا دائىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي يەنە نۆۋەتتە 2010 - يىلى تىنچلىق بۇرچى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى قازاقىستان بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى كۆرۈۋاتماقتا ئىكەن.
2009-08-05
بۈگۈن 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بىر ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغانلارنى تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى قىسمەن زىيالىيلىرى ۋە چەتئەلدىكى بەزى ئۆكتىچى خىتايلار ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋەقە توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىشماقتا.
2009-08-05
ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەگە بولغان نارازىلىق تۈركىيەدە داۋام قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، يېقىندا بەزى گۇرۇھ ۋە شەخىسلەردىن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خىتايلارغا ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەھدىتى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-05
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋستىرالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. رابىيە خانىمنى ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۇسەن ھەسەن، باش كاتىپى مەھەممەتىمىن ئەلا ئەپەندىلەر ۋە بىرقىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى.
2009-08-05
ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر خانىم دەل ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ خانىم قازاقىستانغا سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەقە جەريانىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللاغا بايان قىلىپ بەردى.
2009-08-05
" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىز قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
2009-08-05
4 - ئاۋغۇست، ئالجىرىيىنىڭ پايتەختى ئالجىردا بىر قىسىم يەرلىكلەر شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان بولۇپ، نەتىجىدە 10 خىتاي ئىشچى يارىلانغان.
2009-08-05
خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 718 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما مەزكۇر ساننىڭ ئىلگىرى نامايىشتىن كېيىن تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان 1500 ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئايرىپ قېلىنغان، ياكى ئۇلارغا قوشۇپ يېڭىدىن تۇتۇلغان كىشىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
2009-08-05
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمنى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە يەرلەشتۈرۈش كېلىشىمى پۈتۈشكە ئاز قالغان.
2009-08-05
5 - ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى، يېقىندا قايتىدىن سايلانغان ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇت ئەخمەدىنىجادنىڭ قەسەمياد مۇراسىمىغا 70 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 13 نەپىرى قاتناشمىغان بولۇپ، بەزىلىرى ئەخمەدىنىجاد سۆزگە چىققاندا يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن.
2009-08-05
ئاقساراي چارشەنبە كۈنى، ئەگەر شىمالىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىماقچى بولسا ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.