ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-04
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئەتىگەن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى رابىيە خانىمنى سىدنېي ئايرودرومىدا كۈتىۋالدى.
2009-08-04
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى 5" - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئادەم سانىنىڭ 718 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ سانلىق ستاتىستىكىلىرىدىن 5 - ئىيۇل كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغان ئادەم سانى خىتاي ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
2009-08-04
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلاش سەۋەبى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە، نيۇيوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
2009-08-04
خىتايدا ئىشسىزلىق ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئەمگەكچىلەر ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ يادۇڭ مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا "خىتايدىكى ئىشسىزلىق ئەھۋالى ھېلىھەم ئىنتايىن ۋەھىمىلىك، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىمىز،" دېگەن.
2009-08-04
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2009-08-04
ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، 'شەرقىي تۈركسىتاندا خىتاي مەسىلىسى' نامدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2009-08-04
يېقىندا قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن نەتىجىسى تالاش - تارتىشتىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ غالىبى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ئالدىنقى كۈنى قەسەم بېرىپ، يەنە 4 يىللىق ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
2009-08-04
تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولغان مەزلۇملار دەرنىكى سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىدى.
2009-08-04
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر ئايلىق ھارپىسىدا،يەنى 4 - ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 718 نەپىرىنى جىنايى ئىشلار بويىچە رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-08-04
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تور بېتىدىن ئاشكارىلىنشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئاخبارات باياناتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 30 - ئىيۇل تاماملانغان بولۇپ، مەزكۇر كۇرستا 500 نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى مەخسۇس ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بايانات بېرىش، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەھەتتە سىياسىي ئىسىتراتېگىيىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيىلىرىنى ئالغان.
2009-08-04
ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى كلىنتون 4 - ئاۋغۇست كۈنى شىمالىي كورىيە پايتەختى پيوڭياڭغا يېتىپ كەلدى. شىمالىي كورىيە مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېلىنتون پيوڭياڭدا شىمالىي كورىيە پارلامېنت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمدە يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئىل بىلەن كۆرۈشكەن.
2009-08-04
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا نارازى بولماقتا. فرانسىيە ئاخباراتىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسى جاھاننىڭ دۈشەنبە بەرگەن باياناتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مەزكۇر بازىنىڭ قۇرۇلۇشى رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ھەم مىللەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2009-08-03
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم يېڭى زېللاندىيىدىمۇ قويۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە يىڭى زېللاندىيە تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2009-08-03
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى "توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى" رەئىسى جەيمىس مكگوۋەرن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى نامايىشىغا ئۇيغۇرلارنى سەۋەبچى دەپ ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەزكۇر گېزىتتە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىگە رەددىيە بەرگەن.
2009-08-03
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت ۋە رايونلاردا "قوش تىل" يەسلىلىرى قۇرۇش مەبلىغىنى يەنە كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردا يەنە يېڭىدىن 465 "قوش تىل" يەسلىسى قۇرۇلىدىكەن.