ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-03
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، يەر ئاستى ئىستىھكاملىرىغا زەر بېرىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تىزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-03
گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالغان ۋە مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ ئوخشايدىغان تەرەپلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2009-08-03
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە كەڭ كۆلەملىك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، 5 - ئۇيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ گۇمان قىلغان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىشنى يولغا قويماقتا.
2009-08-03
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قارىلاش ھەرىكىتىدە يەنە بىر يېڭى مېتود قوللاندى. بۇ قېتىم خىتاي، رابىيە خانىمنىڭ ۋەتەندىكى ئوغلى قاھار، قىزى روشەنگۈل ۋە ئىنىسى مەمەتكە خەت يازدۇرۇپ رابىيە خانىمنى تەنقىد قىلغۇزدى.
2009-08-03
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل قانلىق ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى رادىئو - تېلېۋىزورلاردا سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا دۇنيانى ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
2009-08-03
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭ نىڭ " شىنجاڭ ۋەقەسى پەيدا بولۇشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى " دېگەن ماقالىسىدە ئالدى بىلەن مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان : جۇڭگودا 5 ساختا ئاپتونوم رايون بار. ئۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونى، نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىقلار.
2009-08-03
بۇگۇن 8 - ئاينىڭ 2 - كۇنى يەكشەنبە سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن قەتلىئام ئىلىپ بارغان 5 - ئىيۇل قاتىللىق قىلمىشىغا قارشى نامايىشىنى ئۈتكۈزۈش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدىكى بېلمورە باغچىسىغا يىغىلدى.
2009-08-03
7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلماقتا. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى شەھرىگە بېرىپ، ئاتومنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلار مۇزىيىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتومدىن زىيان كۆرگەنلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
2009-08-03
1931 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى چەت دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.
2009-08-03
بىر قانچە كۈندىن بۇيان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە جىددىي تالاش - تارتىشلار ئېلىپ بەرىلماقتا. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سان بىلەن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۆلچەر قىلغان سان ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار.
2009-08-02
ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى يەنە 319 ئادەمنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە باغلاپ قولغا ئالغان. خىتاينىڭ شىنخۇئا تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2 - ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر سانلىق مەلۇماتنى ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇم قىلغان.
2009-08-02
ئىراننىڭ فارىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تېھرانغا ئەۋەتكەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا، ئىران تەرەپ خىتايدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
2009-08-02
مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان چىقىرىپ، تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى تاشقىرىغا ئاز چىقىپ، ئادەم كۆپ ۋە سەزگۈر سورۇنلاردىن نېرى تۇرۇشقا ھەم كېرەكلىك مۇداپىئە چارىلىرىنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان.
2009-08-02
قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31 - ئىيۇلدىن 1 - ئاۋغۇستقىچە ئىسسىق كۆل بويىدا ئۆتكۈزۈلگەن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى جەريانىدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىر ھەربىي ھەمكارلىق، يەنى قىرغىزىستاندا رۇسىيە ھەربىي بازىسىنى تۇرغۇزۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدىغان ئەسلەتمىگە قول قويدى.
2009-08-02
ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان سۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان.