ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-28
ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە بېلىگىيە پايتەختى بېريۇسېلنى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
2009-08-28
ب د ت جۈمە كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆتكەن يىلى تىبەتتە پارتلىغان ئىسيان ۋە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارغا " ئىنسانىي مۇئامىلە " قىلىشقا، ئۇلارنى ئادىل سوتلاشقا چاقىردى.
2009-08-28
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر بىر ئائىلىگە ئەۋەتىپ، ئاتا - ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش توغرىسىدا تەلىم تەربىيە بېرىشنى بۇيرۇغان.
2009-08-27
ئامېرىكىدىكى ئالىملار مايمۇنلارنىڭ گېنى ئۈستىدە تەجىرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئېرسىيەت كېسىلى بار بىر ئانا مايمۇن ۋە بىر ساغلام ئانا مايمۇندىن ئايرىۋالغان گېن ماتېرىيالىدىن ساغلام مايمۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئالىملار، بۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئادەملەرگە تەدبىقلانسا ئېرسىيەت كېسىلى بار ئاياللارغا ساغلام بالا تۇغۇش ئىمكانىيتى يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.
2009-08-27
ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن ئۆتكەن ھەپتە خەۋەردار بولغان ئىدۇق. ئۈرۈمچى نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا قايتا - قايتا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش ۋە سارايدىكى دۇكاندارلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا بىر ئايدىن ئاشقانلىقى ئاشكارىلاندى.
2009-08-27
"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تۇيۇقسىز زىيارىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2009-08-27
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكەن بولغاچقا، چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچ مەلۇمات ئالالمايۋاتىدۇ.
2009-08-27
ئىنتېرنېت، تېلېفۇن ئالاقىلىرىنى قامال قىلىش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا خىلاپ بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا بۇ ئەھدىنامىنى دەپسەندە قىلىپ تۇرماقتا. ب د ت ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر سۈكۈتتە تۇرىۋېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتماقتا.
2009-08-27
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان "ئورال - ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى" ناملىق يىغىن داۋام قىلماقتا. 27 - ئاۋغۇست كۈنى بۇ يىغىن 3 - كۈنىگە قەدەم قويدى.
2009-08-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان 196 كىشىنىڭ تۈرمىلەردە قاتتىق قېيىن - قىستاق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
2009-08-27
خىتاي دۆلەت قانىلى كىشىلەرنى مىللەتپەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىق قىلىنىدىغان كىنولارنى كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىليونغا يېقىن كىنو بېلىتى تارقىتىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت بولسا ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان خىتاينىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش بايرىمى ئالدىدا كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
2009-08-27
تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياننامىسىدا، تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانىڭ تەيۋەنگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-08-27
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاتالمىش "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى"دا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلاردىن 1600 نەپىرى 26 - ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس پويىز بىلەن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان.
2009-08-27
رۇسىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى نىكولاي ماكاروف مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيىنىڭ شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى ھاۋا مۇداپىئە قالقان سېستىمىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-08-26
خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مۇھەممەت ئابدۇللا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. تور ساھىبى ئىلھام توختى مۇھەممەت ئابدۇللا ۋە مەزكۇر تور بېكىتىدىكى بەزى خادىملارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.