ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە دائىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسنى تەستىقلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولىسىمۇ، ئەمما ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
2009-08-01
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئاۋغۇست خىتاي ئارمىيە گېزىتىدە بېرىلگەن باش ماقالىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ ھەر خىل "كۈتۈلمىگەن" ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
2009-08-01
ئامېرىكا ھاۋاي دېڭىز ساھىلىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى مەزكۇر سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى بۇ ھەقتە كونكرېتنى كۆرسەتمە بەرگەن.
2009-08-01
خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا كىنو فېستىۋالغا قاتنىشىدىغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ مەزكۇر فېستىۋال تور بېتىگە يېڭى ھۇجۇم قوزغىغان.