ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-26
25 - ئاۋغۇست كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ "نېۋس برېك" ناملىق تور بېتىدە، ئاۋسترالىيىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى جون گارنائۇتنىڭ "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ كەينىدە ئوباما بار" دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2009-08-26
رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ 25 - 26 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۇلانباتوردا زىيارەتتە بولۇپ، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە خالخىن - گول ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، تارىخنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
2009-08-26
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكەن بولغاچقا، چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچ مەلۇمات ئالالمايۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغاچقا ئۇلاردىن ئەنسىرىمەكتە.
2009-08-26
قىرغىزىستان مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرىدىغان، تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن "قىلىم شامى" ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى بېشكەك شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىغا قارشى تۇرغان.
2009-08-26
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا "ئۇرال - ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى" ناملىق يىغىن 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ يىغىن ئىستانبۇلدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2009-08-26
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ قايتىپ كەلگەن قازاقىستاندىكى بىر زىيالىي ئايال، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى قازاقىستاندىكى مۇخبىرىمىز ئابدۇللاغا بايان قىلىپ بەردى.
2009-08-26
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان بېرمىنىڭ گوگەن رايونىدا، ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن بۇ دۆلەتتە 'ئاز سانلىق مىللەت' دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتايلار ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى ۋە سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، بۇ رايوندىن ئونمىڭلىغان ئادەم خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە قېچىپ كەلمەكتە.
2009-08-26
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بەدەن ئورگانلىرى، دوختورخانىلاردا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى قىلىنىپ كەلمەكتە.
2009-08-26
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، رامىزان باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا.
2009-08-26
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ تېلېۋىزىيىلىرى ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىزمەت كۆرسەتتى، بۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قۇدرىتى، دېگەن باھاسىنى شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى ئىسلاھات، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر 'چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش' پەيدا قىلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
2009-08-26
قۇتۇبى ناھىيىلىك مەدەنىي يادكارلىقلانى قوغداش ئورنى يېقىندا، خىتايلار 'شىمېنزى سۇ ئامبىرى' دەپ ئاتاۋالغان جايدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان قىيالاردا، تۆت جايدا ساقلىنىپ قلغان قەدىمقى قىيا رەسىملىرىنى بايقىدى.
2009-08-25
خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ زۇۋانى بولغان 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بۈگۈن 25 - چىسلا كۈنى كەچ سائەت 8 دىن كېيىن ( ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى خۇ جىنتاۋ قايتىپ كەتكەندە ) خەۋەر قىلدى.
2009-08-25
ئامېرىكا س - سپان رادىئو، تېلېۋىزىيە تورى، سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى" ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پروگراممىسنى لېنتىغا ئالدى. بۇ جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك توختالدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
2009-08-25
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى ھەپتىگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلانغان ئىدى. ھەتتا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقان ئىدى.
2009-08-25
تېخى يېقىندا ئۈرۈمچىدىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.