ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-25
يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن "ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن پىكىر - مۇلاھىزىلەر" ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ، "شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا" دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، 1990 - يىلدىن 2009 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەدرىجى ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2009-08-25
يېقىندا ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە دۇنيا ھۇنلار مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا توپلانغان.
2009-08-25
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بىتىگە 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بىر پارچە خەۋەر چاپلاندى. بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا: خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە باشلىغان.
2009-08-25
خىتاي خەلق تورىنىڭ 24 - ئاۋغۇست خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەمدە مىللىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلىرى بىرلىكتە، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى ئىكەن.
2009-08-25
شىنخۇا تورىنىڭ سەيشەنبىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 21 - ئاۋغۇست كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقۇرغان، چاغانتوقاي، ئارشاڭ ناھىيىلىرىدىن بولغان يەتتە نەپەر ئۆسمۈر بالا يۈننەندىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن.
2009-08-25
ئىيۇلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىككى ئايغا يېقىن ئىز - دېرىكى بولمىغان بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئىلھام توختى، ئەسلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ 23 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيلا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، رادىئومىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئايدىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىيىن -قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2009-08-25
شىنخۇا ئاخباراتنىڭ 25 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، سەيشەنبە كۈنى ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، " دۆلەت غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان قىممەتلىك پۇرسەتتە، بىر قولدا مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى، يەنە بىر قولدا ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش" يوليورۇقى بەرگەن.
2009-08-25
خىتاي 25 - ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ،مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 200 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈستىدىن سوت ئاچىدىغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى.
2009-08-24
خىتايدا بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان دۇنيا ئىسلام كونفرانسى ھەيئىتى زىيارەت ئاياغلاشقاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنى ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىدەك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېدى.
2009-08-24
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، رويترس ئاگېنتلىقى، مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارادىكى چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە 'بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىلىرى' دەپ ئاتىغان 200 كىشىنى سوتلاشقا باشلىدى.
2009-08-24
ئامېرىكا رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتى ئەزاسى ف. بلايا ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيۇ ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى در. دولقۇن قەمبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ تۈركىيە زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
2009-08-24
ئاتاغلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى مىرزات ئالىم 2 - ئاۋغۇست كۈنى، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆز ئۆيى ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى ئىچىدىن بايقالغان.
2009-08-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىل ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى باش ئەلچىسى جون خۇنتسمەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-24
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ھەمدە خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.
2009-08-24
ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن مەخلۇقاتلاردىن ئىنسانلارنى ئۇلۇغ ياراتتى. جايلاردىن مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنى، كۈنلەردىن جۈمە كۈنىنى، ئايلاردىن رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغ قىلدى.