ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-24
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارالغان 200 نەپەر "گۇماندار" ئۇستىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەل جەزىرە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر "خىتاي گېزىتى" دە بېرىلگەن.
2009-08-24
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنى قويۇپ بەرگەن. "نيۇيورك ۋاقت گېزىتى" دە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلھام توختى بىلەن بىرگە يەنە بىر قانچە نەپەر خىتاي پائالىيەتچىلەرمۇ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيلا قويۇپ بېرىلگەن.
2009-08-24
ئىلگىرى خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى بۇ خىل تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىمىغا قارىتىلىشى مۇمكىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
2009-08-24
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش دەۋرىدىن يېقىن كەلگۈسىدە چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بلۇمبېرگ تورىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ۋېن جياباۋ شۇ سەۋەبتىن خىتاي نۆۋەتتە يولغا قويغان پۇل - مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مەھەل داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-24
خىتاي كۆمۈركان دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلدە 2010 - يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. "خىتاي بىلىملىرى" تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆمۈركان باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل يەنە چوڭ - كىچىك139 كۆمۈر كان ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-24
ئافرىقىدىكى سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشىدا شەنبە كۈنى بىر گۇرۇپپا قوراللىق گۇرۇپپا بىلەن ھۆكۈمەت قوشۇنى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قوراللىق توقۇنۇشتا راكېتا قاتارلىق ئېغىر قوراللارمۇ ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەم يارىلانغان ۋە بەش نەپەر پۇقرا ئۆلگەن.
2009-08-24
بۇنىڭدىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالار ھوقۇقى قوغدىغۇچسى، ئادۋوكات شۈ جىيوڭ قويۇپ بېرىلگەن.
2009-08-24
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى يوسىف ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش مەسىلىسىگە ئائىت تالاش - تارتىش بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ يۇرتى گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.
2009-08-24
17 - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە رايونىدىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەت خاكاسىيىدىكى سايان - شۇشېن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پارتلاپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 69 غا يەتكەن.
2009-08-23
20 - ئاۋغۇست، ۋال - مارت شىركىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان بىر خىل دۋد قويغۇچىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكى كومىتېتى بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، خىتايدا ئىشلەنگەن دۇرابراند ماركىلىق دۋد قويغۇچتا، ئاسان قىزىپ كېتىپ ئوت كېتىش، زەھەرلىك پۇراق چىقىرىش خەتىرى كۆرۈنگەن.
2009-08-23
تىبەت پائالىيەتچىسى لھاكپا تشوكو شەنبە كۈنى، ياپونىيە فۇجى تېغىنى تاۋاپ قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۇچۇن دۇئا قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغان ئالدى.
2009-08-23
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىل نويابىردا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان.
2009-08-23
خىتايدا بۇ يىل 24 مىليون ئادەم خىزمەت ئىزدەيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ پەقەت يېرىمى دېگۈدەكلا، خىزمەتسىز قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي گېزىتىدە كۆرسىتىشكە، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىدا بۇ يىل 8 پىرسەنتلىك ئۆسۈش ھاسىل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، يەنە 12 مىليون خىزمەت ئىزدىگۈچى خىزمەت تاپالمايدىكەن.
2009-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشكە باشلىغان. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خېنەندىن 1600 ئاققۇن ئىشچى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ بولغان.
2009-08-21
نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك غېمىدە تىركىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئېھتىيات ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، گەرچە ھازىرقى ۋەزىيەت "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەن چاغدىكىدىن سەل يۇمشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونتروللۇق يەنىلا ناھايىتى چىڭ بولماقتا ئىكەن.