ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-21
بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارالىق چوشقا زۇكامى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، چوشقا زۇكامدارلىرىنىڭ سانى خەلقئارا مىقياسىدا شىددەت بىلەن زورايماقتا، ھازىرغىچە چوشقا زۇكامى ئاتالغان بۇ خىل H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 1800 گە يەتكەن.
2009-08-21
بۇ ھەپتە ئامېرىكا باش قوماندانى داۋىد پېتروس ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن ئۇچراشقان داۋىد پېتروس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
2009-08-21
ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر ئېغىر بولۇپ، ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خالىغانچە توسۇپ سومكىلىرىنى ئاختۇرىدىكەن.
2009-08-21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن ۋىنگىرىيىنىڭ بۇداپىشت شەھىرى ئەتراپىدىكى كەڭ يايلاقتا دۇنيا ھۇنلىرى مەدەنىىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
2009-08-21
ئەنۋەر ھاجىيېۋ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، ھەتتا قازاقلار، رۇسلار ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ قانۇنشۇناسلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئىدى.
2009-08-21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كېلەر ئاي چېخىيەنى زىيارەت قىلىپ، چېخىيە پايتەختى پراگادا ئېچىلىدىغان ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بىر خەلقئارا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا سابىق چېخىيە پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن.
2009-08-21
خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ۋۇخەن شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى شەھەر ئاھالىسىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2009-08-21
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل نامايىشىغا قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنى سوتلاشتا ئىشلىتىدىغان 3 مىڭدىن ئارتۇق "ماددى پاكىت" ھازىرلاپ، نامايىشچىلارنى "ئادەم ئۆلتۈرۈش"، "ئوت قويۇش" ۋە باشقا "جىنايەتلەر" بىلەن ئەيىبلەشكە تەييارلىق قىلىپ قويغان.
2009-08-21
جۈمە كۈنى خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى، خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-08-21
جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان ئافغانىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھەر ئىككى نامزاتى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى ئۆتكۈزۈلگەن 2 - سايلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2009-08-21
بۈيۈك ئىرا تور بىتى 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۇنى پروفېسسور نىيال فىراگسۇننىڭ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.
2009-08-20
بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيىدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ " ئىز "، "ئويغانغان زېمىن " ناملىق رومانلىرى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنغان، "باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى، ئويغان ئۇيغۇر " ناملىق كىتاب ياپون تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى.
2009-08-20
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىققىغا قارشى 4 - قېتىملىق نامايىشىنى ئېلىپ باردى.
2009-08-20
ئافغانىستاندا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بىلەت تاشلاش پائالىيىتى پەيشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى. مەزكۈر سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە رايوندىكى ناتو قوشۇنلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.