ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-01
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى لوئىيسا خانىم 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىستانبۇلدا، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى.
2009-09-01
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - سېنتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھېيدى ھائۇتالا رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر پارلامېنتتىكى زىيارىتى جەريانىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللىدى.
2009-09-01
1 - سېنتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدا زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى پارلامېنتى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنىقد قىلغان شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-09-01
1 - سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلىغان كۈنى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر مەخسۇس ئوقۇشلۇق، بۈگۈن، يەنى 1 - سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇش باشلاش كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بېرىلگەن.
2009-09-01
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، تەيۋەنگە يېتىپ كېلىشى ھامان، خىتاي دالاي لامانىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.