ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-06-30
1903 - يىلى تاشكەنت شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ پود پولكوۋنىكى كورنىلوۋنىڭ "قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان" ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى مۇھىم تارىخىي مەنبەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
2010-06-30
سىياسىي مەھبۇسلارنى قىيىن قىستاققا ئېلىش، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىش دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ھادىسە؛ ئەمما مەھبۇسلارنى قاماپ ۋە جازالاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى ئەل - جامائەت ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلدۇرۇش، پەقەتلا خىتايدا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2010-06-30
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ 6 ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگىدا تەرەپلەر كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2010-06-30
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلماسلىققا چاقىرماقتا.
2010-06-30
قىرغىزىستاندا ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى، بۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزمەكتە.
2010-06-30
قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قازاقىستانغا قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان.
2010-06-30
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. ئوخشاش بىر مەزگىلدە يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېلېفون، ئېلخەت ئالاقىسى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
2010-06-30
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوردون دۇگۇت تۈنۈگۈن باياناتىدا ئامېرىكا، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ كۆپىيىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان سودا كېلىشىمى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق قۇرۇلمىلىرىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارايدۇ دەپ جاكارلىدى.
2010-06-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پاتنادىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا ھازىر ماۋچىلارنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ قالدى. تۈنۈگۈن ھىندىستاننىڭ چاتتىسگارخ شتاتىدا 200 ماۋچى يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ھۇجۇم قوزغاپ، ھىندىستان قىسىملىرىدىن 27 كىشىنى ئۆلتۈردى.
2010-06-30
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارادىن قىرغىزىستانغا كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ھازىر، دەھشەتلىك ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئوش رايونىنىڭ ئۆزىگە يېتىپ كەلمەكتە.
2010-06-30
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈنۈگۈن نيۇيورك، نيۇجېرسى، بوستۇن، ۋىرجىنىيە قاتارلىق جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان رۇسىيىنىڭ 11 كىشىلىك جاسۇسلۇق تورىنى پاش قىلدى، ئۇنىڭ 10 ىنى قولغا ئالدى، بىرى ھازىر قاچاقتا.
2010-06-30
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دۇبەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب خەلىپىلىگىنىڭ دۇبەيدىكى ئابۇ دابى سوت مەھكىمىسى بۈگۈن، ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
2010-06-30
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاينىڭ 'خەلقنى باي قىلىش، خاتىرجەم ياشىغۇزۇش' دېگەن چوڭ پىلانىنى قانداق ئىجرا قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى.
2010-06-29
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر سىياسەت پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىلا پايدىغا ئېرىشتۈرگەن.
2010-06-29
مەشھۇر ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندىنىڭ ئۆزى ياراتقان جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى جىنىس رېكورتى يارىتىشىغا ئۈچ كۈن ۋاقىت قالدى.