ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-20
ئالماتا شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا 10- دېكابىردىن 15 -دېكابىر كۈنلىرىگىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى مېڭگېرېي خايرۇتدىنوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بوكس بويىچە 9- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى.
2010-12-20
مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ھەيئەت ئەزالىرى ۋە تەشكىلات ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاكتىپ شەخسلەر قاتناشتى.
2010-12-20
كانادادا چىقىدىغان خىتايچە خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە يېقىندا تورونتودا، "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" يەنى "شىنجاڭلىقلار دوستلۇق جەمئىيىتى"ناملىق بىر جەمئىيەت قۇرۇلغان.
2010-12-20
جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 ۋىلايەتتە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئۇيغۇر ئېلى باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مەزكۇر رايونلاردىكى مۇقىملىقنى قايتا تەكىتلىگەن.
2010-12-20
خىتاي دائىرىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ " ھالقىما تەرەققىياتى" نى پىلانلاشقا باشلىدى.
2010-12-20
Facebook تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زۇكېربېرگ خىتايدىكى چوڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىن بىر بولغان BaiDu شىركىتىنى زىيارەت قىلدى.
2010-12-20
جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىلگەن زەمبىرەك مانېۋىرى ئېلىپ باردى. ھالبۇكى، ئىلگىرى بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارغا تەھدىت شەكلىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورىيە، مەزكۇر مانېۋىر تۈپەيلى جەنۇبىي كورىيىدىن ئۆچ ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2010-12-20
سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدىغان رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېف ھىندىستان دائىرىلىرىنى رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلىدىكەن.
2010-12-19
يەكشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
2010-12-19
بۇ يىل خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھوقۇق تەقسىماتىدا تەڭشەش ئېلىپ بارغان ۋە بىر قاتار ئىقتىسادىي –سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى باشلىغاندىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي –ماراپ ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسەتلىرىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.
2010-12-19
شىمالىي كورىيىنىڭ يونپخېندو ئارىلىغا زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ئەۋجى ئالغان شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرمىگەن رۇسىيە تېخى يېقىندا خىتاينىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتى يىغىنى ئېچىش پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان بولسا، مانا بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىنى مەزكۇر ئارالدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىردى .
2010-12-19
بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەتكە كۆچۈش قارارى ئېلىنىدىغان سايلامدىن كېيىن، قايسى پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىشى مەسىلىسى بىر مەھەل تالاش-تارتىش ئۈستىدە قالغان ئىدى. ئارىلىقتا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا "رېسپۇبلىكا" پارتىيىسىنى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە بۇيرۇغان، ئىككى ھەپتىلىك تالىشىش ۋە سۆھبەتلەردىن كېيىن ئاخىرى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن ھەم پارلامېنت رەئىسى بېكىتىلگەن.
2010-12-19
يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ كابۇل ۋە قۇندۇز شەھەرلىرىدە ئافغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە قارىتىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 13 نەپەر ئافغانىستان ھۆكۈمەت ھەربىي خادىمى ۋە بەش نەپەر ھۇجۇمچى ئۆلگەن ھەمدە 20 نەپەر يېڭى ئەسكەر يارىلانغان.
2010-12-18
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دالدىلىرىدىن ئۆتكەن يىلى كامبودژادىن تۇتۇپ كەتكەن 20 ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2010-12-18
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ نىڭ بۇ نۆۋەتلىك پاكىستان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي پاكىستان ئارىسىدا يەنە 10 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزۈلمەكچى.