ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-18
شەنبە كۈنى، جەنۇبىي كورىيە سۇ تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇۋاتقان خىتاي بېلىقچى كېمىسى بىلەن جەنۇبىي كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇشتا بىر خىتاي بېلىقچى ئۆلگەن ۋە خىتاي بېلىقچى كېمىسى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن.
2010-12-18
شەنبە كۈنى توكيو شەھىرىدە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىتايغا قارشى نامايىش قىلىپ، سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ياپونىيىگە قوشۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلىدى.
2010-12-17
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 12 - بەش يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلدى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ ھەقتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىقتىسادىي سىياسىتىدە، ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىن سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانىنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىكەن.
2010-12-17
خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، 9-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە نەزەربەند قىلىنىشىغا، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا 2010- يىلى 3- دېكابىر كۈنى سۆزلەنگەن « شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت » ناملىق لېكسىيىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى لېكسىيە ئارگىنالىنى مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتىپ بەردى.
2010-12-17
گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مىمار كەمالەتتىن زالىدا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننى خاتىرىلەيمىز تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
2010-12-17
بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن خىتاي دېموكراتچىسى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىنغاندىن تارتىپ 10-دېكابىر مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە نوبېل كومىتېتىغا تۈرلۈك دىپلوماتىيە يوللىرى بىلەن قارشى تۇرۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلماسلىقى ئۈچۈن بارلىق كوزۇرىنى ئىشقا سالدى.
2010-12-17
12-دېكابىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان "نۇرلى" كافېخانىسىدا مەشھۇر مائارىپچى، پېشقەدەم ئۇستاز ھېنىپاخۇن باراتوفنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئون يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-12-17
2010-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا مايىل بولغان "دۇۋى " تور بېتىدە " ئامېرىكا، جۇڭگو دىپلوماتىيىسى ئاچا يولغا كېلىپ قالدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇرەسسەلىشىش"،" مادارا قىلىش" دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ، دىپلوماتىك سۆزلىشىشلەرنىڭ مېغىزى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قەيت قىلىندى ماقالىدە.
2010-12-17
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى خانتەڭرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەھمۇد داموللامنىڭ مېيىت نامىزىدا ۋەقە چىقىپ، 100 گە يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
2010-12-17
شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇردا تۇز سانائەت رايونى تەسىس قىلىش پىلانى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان لوپنۇر تۇز سانائەت رايونىنىڭ ئورنى چاقىلىق ناھىيىسىدىن 300 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا، لوپنۇر كۆلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ؛ كۆلىمى 65 كۋادرات كىلومېتىر. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، لوپنۇر دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تۇز بازىسىغا ئايلىنىدۇ.
2010-12-17
بۈگۈن يەنى جۈمە كۈنى ياپونىيە ئېلان قىلغان يېڭى دۆلەت مۇداپىئە سىياسەت بەلگىلىمىسىدە، خىتاي، ياپونىيە ئۈچۈن يېقىن مەزگىل ئىچىدىكى ئاساسلىق تەھدىت دەپ كۆرسىتىلگەن.
2010-12-17
مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئەرز بىلەن ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭغا كەلگەن شائىرە گۆھەر مەمەت، بېيجىڭدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، شاڭخەيگە بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى پولات زاۋۇتنىڭ شاڭخەيدىكى باش مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە ئۇ، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە بىخەتەر قايتىپ كەلگەن.
2010-12-16
20 سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغىنىغا بىر يىل توشتى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ قەيەردىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى، دىلوسىنىڭ قانۇنىي باسقۇچلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. بۇ ۋەزىيەت مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
2010-12-16
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي زات ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا قارشى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. بەزى مەلۇماتلاردا دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدىن 140 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەنە بىر قىسىم جايلىرىدا بولسا دىنىي زات ۋە گۇرۇھلارغا قارشى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئىستىلىدىكى ئاممىۋى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.