ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-01-15
تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز ئەپەندى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىدى.
2010-01-15
دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن ھايتى جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، ئىككى كۈندىن بۇيان كۆپىنچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ باش خەۋىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھايتى جۇمھۇرىيىتى شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى كارابىيان ئاراللىرىدىكى بىر دۆلەت.
2010-01-15
تور بەتلىرىنى ئارىلاۋېتىپ "بوشۈن" تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىگە تۇيۇقسىز كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. "1944 - يىلى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قورۇلۇشىنىڭ باش ئاخىرى" ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەننا خانىم تەيۋەنلىك ( ئاڭلىشىمچە بۈيۈك ئىرا تور بىتىدە باش تەھرىر بولۇپمۇ ئىشلىگەن ئىكەن.)
2010-01-15
دۇنيادىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارا تەشكىلات تۈنۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن قېچىپ كامبودژادىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى شۇنداقلا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھىموڭ مىللىتىدىن بولغان مۇساپىرلارنى لائۇسقا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
2010-01-15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىل ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا دوكلات بېرىپ، 2009 - يىلى "شىنجاڭ"مىقياسىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك 437 دىلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 يىلدىن ئارتۇق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ 255 نەپەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2010-01-15
"شىنجاڭ" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۈر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە "ئاپتونوم رايون ئىچىدە ۋە ئۆزىگە يېقىن ئەتراپتىن ئىش تېپىپ بېرىشكە يۈزلىنىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
2010-01-15
خىتاي دائىرىلىرى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ھەربىلىكتىن چېكىنگەن بىرسىنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا قويدى. ئانالىزچىلار بۇ خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنىڭ رادىكاللىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2010-01-15
خىتايدا زىيارەتتىكى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇيدو ۋېستېرۋېللې جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتايلار ئاز سانلىق دەپ قارايدىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەن.
2010-01-14
نۆۋەتتە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پاپۇئا يېڭى گېۋىنىيەسى، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەلەردە زىيارەتتىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شتاتىدىكى تەتقىقات ئورنى شەرق-غەرب مەركىزىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى شەرھىلىگەن ئىدى.
2010-01-14
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، گەرچە بۇ پىلان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قارشىلىقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارشىلىقلارنى نەزەرگە ئالماستىن، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى چېقىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2010-01-14
گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئالدىنقى كۈنى خىتايدىن چېكىنىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پىلان پەيدا قىلىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەسىرلەر خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى.
2010-01-14
خىتاي بىلەن تىجارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقلىي مۈلۈك شىركەتلىرىدىن خەلقئارا ئىنتېرنېت شىركەتلىرى بولۇپمۇ، ئەڭ مەشھۇر ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن ھېسابلانغان گوگۇل شىركىتىنىڭ خېرىدارلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ئىنتېرنېت خاككېرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
2010-01-14
تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
2010-01-14
2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، تۈركىيىنىڭ ئىزمىت شەھىرىگە جايلاشقان گەبزە ئالى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "ئىلىم تارىخىغا تۆھپە قوشقان تۈرك ئالىملىرى" ناملىق يىغىن ئېچىلدى.
2010-01-14
بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا چوشقا زۇكىمى ناھايىتى تېز تارقالماقتا. 1 - يانۋاردىن 11 - يانۋارغىچە ئېلىپ بېرىلغان سىتاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا 11 كۈننىڭ ئىچىدىلا 5100 كىشى چوشقا زۇكىمى شىكايىتى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان.
2010-01-14
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى داۋام قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەيۋەننى خىتاينىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتتى.
2010-01-14
2010 - يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قازاقىستان بۈگۈن ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئېلان قىلدى. نۇرسۇلتان نازاربايېف تەشكىلاتقا ئەۋەتكەن خېتىدە، ئۆزلىرىنىڭ رەئىسلىك مەزگىلىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىجرا قىلىدىغان ۋەزىپىلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋە ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈردى.
2010-01-14
تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2009 - يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا قىلغان سۆزىدە، " مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن ئەلا" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
2010-01-14
خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى بىرلەشمە يىغىنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدا تۇرۇشلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
2010-01-13
خىتاي، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2010-01-13
خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى، بولۇپمۇ ئەقلىي مۈلك شىركەتلىرى مەنپەئەت بىلەن ئەخلاق ئارىسىدا جىددىي بىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشكە، پائالىيىتىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ.
2010-01-13
خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى تەدبىرى بولسا 2010 - يىلى رايوننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئاجرىتىدىغان خام چوتنى كۆپەيتىش بولدى.
2010-01-13
5 - يانۋار كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە نەشر قىلىنىدىغان "چاڭجياڭ گېزىتى" دە، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى شېن ياڭپو ئېلان قىلغان، "ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئىلىم ئادىمى شەمشىرىنى ئىلمىي ماقالە سودىسىنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا تەڭلەيدۇ" ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتايدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېرىش ئارقىلىق قىلغان تاپاۋىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىگە يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خىتاي جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان.
2010-01-13
5 - ئىيۇل ۋەقەسى تۈركىيىدە ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، تۈرك خەلقى كەينى - كەينىدىن زور كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
2010-01-13
قازاقىستاننىڭ "ئانا يۇرت" نەشرىياتى 85 ياشلىق قازاق يازغۇچىسى ھاجىقۇمار شايدانىنىڭ "قىلمىش" ناملىق 6 توملۇق رومانىنى نەشر قىلدى.
2010-01-13
يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبونىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك راي سىناش ئېلىپ بارغان.
2010-01-13
"قابۇسنامە" ناملىق بۇ قەدىمى ئەسەر مىلادىيىنىڭ 11 - ئەسىرىدە، قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇرجان دېگەن يېرىدە، شەمسۇلمەئالى قابۇس دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان نەسىھەت خاراكتېرلىك قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە.
2010-01-13
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت ساياھەت شىركىتىدىن كوريو ساياھەت شىركىتى دېگەن بىر شىركەتكە كەلگەن ئېلخەتتە، بۇ يىل ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ شىمالىي كورىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.
2010-01-13
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت قوماندانلىق ئورگىنى NCA بۈگۈن، پاكىستاندىن ھىندىستانغىچە سوزۇلغان ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا غايەت زور ھەربىي كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.