ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-10-14
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش"نى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇنى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساس" دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.
2010-10-14
ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا، خىتايدىكى شەھەر ۋە يېزىلاردا پەيدا بولۇۋاتقان دەھشەتلىك يەر - زېمىن توقۇنۇشلىرى ۋە بۇ توقۇنۇشلارنىڭ تەرەققىيات يۈنىلىشىنى تەھلىل قىلىپ يازغان ماقالىلەر بېسىلىۋاتىدۇ. 'خىتايدا يەر - زېمىن مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى بولۇپ قالدى' ناملىق مۇلاھىزە بۇنىڭ بىر نەمۇنىسى.
2010-10-14
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە يېقىندىن بۇيان خىتايدا "يايلاقلارنى قوغداش" باھانىسىدە چىقىرىلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلار تارىيىپ چارۋىچىلار مال بېقىشقا ئامالسىز قالغان.
2010-10-14
خىتاينى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىدا تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يىغىن ئېچىلماقچى.
2010-10-14
يېقىندىن بېرى نورۋېگىيىدىكى ھەر قايسى چوڭ - كىچىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوبىل تىنچلىق كومىتېتى تەرىپىدىن 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ مۇكاپات خىتاي بىلەن نورۋېگىيىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە تارىختا تۇنجى قېتىملىق جىددىي سۈركىلىشنى پەيدا قىلغان.
2010-10-14
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچى، مىللەتچى ۋە مۇھاپىزكار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت يىلماز ۋە تۈركىيە مەزلۇملار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى جىھاد كۆكدەمىر قاتارلىق كىشىلەر ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
2010-10-14
يېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى نۇرلان ئاققوشقاروف، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ن. ئاققوشقاروف بۇ قاراشلىرىنى قازاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى رۇسلان سۈلېيمېنوف بىلەن بولغان سۆھبىتىدە بىلدۈردى.
2010-10-14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ياۋرۇپا بىرلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىزمەت باشلىغان 40 كۈندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
2010-10-14
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى سۇسان ئېللىيوت خانىم قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولماقتا. ئۇ بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، "ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. بىز يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماناستىكى ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز،" دېگەن.
2010-10-14
سەئۇدى ئەرەبىستان 16 خىتاي ئىشچىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككە شەھىرىدە پويىز رېلىسى ياساۋاتقان ئىشچىلار بولۇپ، ئۇلار مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش قىلغان ۋە بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنى زەخمىگە ئۇچراتقان. سەئۇدى دائىرىلىرى ئۇلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان.
2010-10-14
گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئارال دۆلەت بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ئۇيغۇر يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئالدىنقى يىلى بېرمۇداغا كېلەر - كەلمەيلا ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولغان بىر گولف توپى مەيدانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
2010-10-14
جەنۇبىي كورىيە بۈگۈن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىملىق ھەربىي مەشىق قانۇنسىز قوراللارنى دېڭىز يولى ئارقىلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان.
2010-10-14
پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ "تۈرمىدىكى جىنايەتچىگە نوبىل مۇكاپاتى بېرىش خىتايدا جىنايەتنى تەشۋىق قىلغانلىق بۇ ھەم خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم" دېدى ۋە ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
2010-10-13
ھەر يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فرانكفورت كىتاپ كۆرگەزمىسى بۇ يىل لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئارگېنتىنانىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 6 - ئۆكتەبىردىن 10 - ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملاشقان بۇ كۆرگەزمىدە، گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
2010-10-13
قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ئادالەتلىك ئېلىپ بېرىلدى دەپ باھالانغان بىر پەيتتە، بىر قىسىم خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە مەزكۈر سايلامنىڭ قانۇنسىزلىقلاردىن مۇستەسنا بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئەقىدە مەلۇمات بېرىدۇ.