ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-03-29
بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا قىلغان زىيارىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلدى. بەزىلىرى ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زىيارىتى تېررورچىلىقا قارشى ئۇرۇشنى قايتىدىن كۈچەيتمەكچى دېسە، بەزىلىرى ئوباما بۇ قېتىم ئاساسەن خامىد كارزايغا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
2010-03-29
ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ يېقىنقى دەۋرلەردىكى چەتئەللەرگە چىقىش تارىخى 1985 - يىلىدىكى 12 - دېكابىر ئۈرۈمچى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن باراۋەر باشلانغان دەپ قارالغان تەقدىردە 20 يىللىق تارىخقا ئىگە.
2010-03-29
تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان 15 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ۋەخىپنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشتى.
2010-03-29
27 - مارت كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك شىۋېتسىيىگە كىلىپ زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇلارنىڭ شىۋېتسىيىگە كىلىشى شىۋېتسىيىنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل كارخانىسى بولغان "ۋولۋو" شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ "جېلى" شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توختىمىغا قول قويۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
2010-03-29
قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايىف ۋە باشقا رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، قازاقىستان، رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىرلەشمە باج ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان.
2010-03-29
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىنى يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارماقتا. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە بالىلارنىڭ "قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرى"غا كىرىش نىسبىتى يۈز پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.
2010-03-29
شۋېتسىيە - خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىگە زىيارەتكە بارغان خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى شۋېتسىيىنىڭ باش مىنىستىرى فرېدرىك رېينفېلد بىلەن ئۇچراشقان.
2010-03-29
بۈگۈن قازاقىستانلىق ژۇرنالىستلار ھۆكۈمەتنى زادى قانداق تور بەتلەرنىڭ "بۇزغۇنچى" تور بەت بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشكە چاقىردى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 8 - ئايدا ئىنتېرنېتكە دائىر بىر قارار ماقۇللىغان بولۇپ، قارارغا ئاساسەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە تور بەتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2010-03-29
دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى مېترو بېكەتلىرىدە ئىككى قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە تېپىلغان دەلىللەر، بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى ئايال كىشى سادىر قىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
2010-03-29
ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى 50 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق بوران - چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر چىقىم مەيدانغا كەلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بوران - چاپقۇن 27 - چېسلا كېچىدىن تارتىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 36 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، مال - ۋارانلار نابۇت بولغان.
2010-03-28
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
2010-03-28
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تايلاندتىكى ئۆكتىچىلىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە تايلاند باش مىنىستىرى ئابخىست ۋېجاجىۋا ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىشكە رازىلىق بىلدۈرگەن.
2010-03-28
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ ئارخاڭېلسكىي ئوبلاستىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار ئاساسلىقى باھا ئۆستۈرۈشكە قارشى چىققان، يەنى نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بولغان ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈش ئىدىيىسىنى قوللىغان.
2010-03-28
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا يېتىپ، كېلىپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى بۇ دۆلەتكە قاراتقان تۇنجى زىيارىتىنى باشلىدى.
2010-03-28
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر يىلدىن بۇيان ئىز -دېرىكى بولمىغان ھوقۇق قوغدىغۇچى ئادۋوكات گاۋ جىشېڭ 28 - مارت كۈنى تۇيۇقسىز لى خېپىڭ ئىسىملىك ئادۋوكاتقا تېلېفون بېرىپ سۆزلەشكەن.