ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-02-19
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى.
2010-02-19
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا مەزكۇر تەشكىلات نامىدىن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا يېزىلغان خەتكە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغىغان بولۇپ، بۇ خەتتە ب د ت باش كاتىپىدىن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى باستۇرۇشنى سۈرۈشتۈرۈپ، ۋەقەدە تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنى قويۇپ بېرىش، ۋەقەگە قاتناشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختۇتۇشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
2010-02-19
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى رىچارد خولبۇرۇك بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرىلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشقا يولغا چىققان . بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خولبۇرۇكنىڭ ھەپتە ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستان ۋە قالغان 4 تۈركىي جۇمھۇرىيەتنى قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2010-02-19
ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى يوشۇرۇن راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۈگۈن ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ھامەينىي ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىش نىيىتى بارلىقىنى رەت قىلدى.
2010-02-19
"نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" جۈمە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، Google ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يېقىندا ئۇچرىغان تور ھۇجۇمى خىتاينىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھەربىيلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەكتەپتىكى كومپيۇتېرلاردىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-02-19
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈنۈگۈن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئوبامانىڭ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا "قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە "بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتۇر" دەپ ئەيىبلىگەن.
2010-02-18
2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى "بۈيۈك ئىرا" تور بىتىنىڭ مۇخبىرى تيەن چىڭ "ۋاشىنگتۇن پوچتىسى گېزىتى"دە مەخسۇس سىتون يازغۇچى روبېرت سامېلسۇن ئەپەندىنىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ تور بىتىگە چاپلىدى.
2010-02-18
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى. ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاقسارايدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-02-18
مۇھاجىرەتتىكى بىرقىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرى، ئۆتكەن ھەپتە بىر خىتابنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى يېڭى بىر چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويدى. چاقىرىقتا، ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بىر كەشپىياتى ئىكەنلىكى، ئىنتېرنېتنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى، سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
2010-02-18
13 - فېۋرال كۈنى ئەتىگەندە ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا تەۋە ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ناتو قىسىملىرى ۋە ئافغان قوشۇنلىرى ھېلماند ئۆلكىسى مارجا يېزىسىدا تالىبانغا قارشى 15000 كىشىلىك كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ ھەرىكەت 5 - كۈنىگە قەدەم قويدى.
2010-02-18
خىتاي بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، پاكىستاندىن ئەرەب دېڭىزىغا كىرىدىغان گۇۋادار پورتىنى ياساشقا باشلىغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بېنگالدا چىتاگون پورتىنى ياساشقا باشلىدى. كېيىن، ھىندى ئوكياننى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بېرمىدا ۋە كامبودژادا ھەربىي كۆزىتىش بازىلىرىنى قۇردى، ئەمدى ھازىر سىرلانكىدا خامبانتو پورتىنى ياساۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھازىر ھىندىستاننىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىماقتا.
2010-02-18
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پېشقەدەم يۈسۈپجان موللاخۇن ئاكىنىڭ 80 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى ۋە جامائەت ئىشلىرىدىكى جانكۆيەرلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى.
2010-02-18
ھىممەت سۆزى بېرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بەل باغلاپ ئىنتىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ھىممەت ھەر قانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ھىممەت ئۈستۈنلۈك ياكى تۆۋەنلىك بىلەن تەرىپلىنىدۇ.
2010-02-18
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن بۈگۈن، يەنى، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە قىلىنغان جىنازا نامىزىدىن كېيىن، قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى.