ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-06-22
قازاقىستاندا زور ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە تېخنىكوملىرى قۇرۇلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدىن تارتىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى تاشكەنت، ئالماتا، موسكۋا، كىيېۋ ، باكۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيە كۆرگەن ئىدى.
2010-06-22
بۇلتۇر خىتايلارنىڭ 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان 6 - ئىيۇن نارازىلىق نامايىشىدا، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ يەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاش ئاتقانلىقى ئۈچۈن 150 نەچچە ئۇيغۇر نامايىشچى نەق مەيداندا تۇتۇپ كېتىلىپ، شۇ رايوندىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىغا قامالغان ئىدى.
2010-06-22
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارادا، خىتاينىڭ 'خەلق پۇلى'نىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ھەققىدە بىلدۈرگەن ئىپادىسى راس ياكى يالغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
2010-06-22
2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ب ب س نىڭ خىتاي تىلى تور بىتىدە مىڭ كىې ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ "جۇڭگو، ھىندىستان تالاش - تارتىشى ۋە تىبەت" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە: "جۇڭگو، ھىندىستاندىن باشقا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرا تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلىپ بولدى، ئەمما ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىسىدا چېگرا تالاش - تارتىشى تېخى ھەل بولغىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش - تارتىشى تىبەت مەسىلىسىگە چېتىلغانلىقتىن، مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپلىككە ئىگە" دەپ كۆرسىتىلدى.
2010-06-22
دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئىھسانئوغلىنىڭ بىر ھەپتە داۋاملاشقان خىتاي زىيارىتى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان. ئۇ بېيجىڭدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىنىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-06-22
بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقى بىر چوڭ تېررورلۇق گۇرۇھىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەلۇماتى مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ بۈگۈنكى تور خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن.
2010-06-22
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىدىن Manfred Nowak، ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئېچىلغان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى يىغىندا مەلۇمات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن تەن جازاسىدىن باشقا روھىي قىيىن-قىستاق جازاسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-06-22
رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ 80 نەپەر دەم ئېلىشقا چىققان ئىشچىسى، زاۋۇت ئالدىدا نامايىش قىلىپ، زاۋۇتنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2010-06-22
جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتى يېقىندا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. گەرچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ سىگنالى شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، خەلقئارا جامائەت ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئىنكاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا ئىدى.
2010-06-21
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى، رايون تەۋەسىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان نازارەتنىمۇ كۈچەيتكەن.
2010-06-21
ئىتالىيە Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ، 2010 - يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا تەقدىم قىلىندى. مۇكاپاتنى ئانىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالغان قېقىنۇس خېنىم بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن ئالغان تەسىرلىرىنى ئىپادىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە ئاڭلىتىش بېرىدۇ.
2010-06-21
5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن تەڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىق ئەندىشىسىمۇ يۈكسەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ج خ تارماقلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈن تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، "ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇقىملىقنى قوغداش" نامىدا سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغىغان.
2010-06-21
ئوبزورچى ۋە سىياسىيون سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇ 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كانويا ئارىلىدىكى 5 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى.
2010-06-21
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى 208 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، 2100 دىن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئاستا - ئاستا پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوش، جالالئاباد قاتارلىق ئوبلاستلاردا نورمال تۇرمۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.
2010-06-21
يېقىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ "ئىتتىپاق جەمئىيىتى" يىغىن ئېچىپ، قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئوشتا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.