ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-08-23
19 - چېسلا ئاقسۇ ئىگەچى مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى بىردىنلا جىددىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئىلىغا جەلپ قىلدى.
2010-08-23
23 - ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 16 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىش لايىھىسى سۇنۇلدى. بۇ لايىھە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
2010-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-08-23
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەينى چاغدا ۋەقەگە شاھىت بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلار، ساياھەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ۋە ھەقىقىي جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن جانلىق پاكىتلارنى يورۇتۇپ بەرمەكتە.
2010-08-23
مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەندە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى كانادا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە يەر ئالدى.
2010-08-23
جامائەت ئەربابى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئاتالمىش "ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار ئۆمىكى" تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان زىيارەتنى ئەيىبلىگەنلىكىنى قوللىغان ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭغا پىكىرداشلىقىنى بىلدۈرگەن ئىككى نەپەر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى، نارازىلىقىنى ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە رادىئومىزغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.
2010-08-23
كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر نەپەر خىتاي مۇخبىر، ئالدىنقى جۈمە كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن خىتاي ۋىزىسى تەلەپ قىلغىنىدا، ئۇنىڭ پاسپورتى كونسۇلخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي باش ئەلچىخانىسىدىن تارتىۋېلىنغان بۇ پاسپورتنى دەرھال كانادا ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا، خىتاي ئەلچىخانا ئەمەلدارىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2010-08-23
ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى پۈتۈن ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك بولغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، چوڭ بىر مول ھوسۇل ۋاقتىدۇر. پۈتۈن مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ ئاينى 11ئاينىڭ پادىشاھى ۋە بەرىكەت ئېيى دەپ قارايدۇ.
2010-08-23
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" نى قايتا تەكىتلىگەن.
2010-08-23
بۈگۈن تاجىكىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 25 نەپەر مەھكۇم تۈرمىدىن قاچتى. ئىگىلىنىشىچە، تۈرمىدىن قاچقان مەھكۇملار يېرىم كېچە بىلەن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىگە يېقىن جايدىكى تۈرمىدىن قاچقان.
2010-08-23
يەكشەنبە كۈنى گۇاڭشىنىڭ لىڭشەن ناھىيىسىدىكى بىر ساليوت زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 6 كىشى ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان. ۋەقە يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 2 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، 4 كىشى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
2010-08-23
فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەرنى ئەپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل گۆرۈگە ئېلىنىپ، 9 خوڭكوڭلۇق ساياھەتچى ئۆلتۈرۈلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىنايەتچى 55 ياشلىق، پېنسىيىگە چىققان بىر ساقچى ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ قورال ئارقىلىق كۆپىنچىسى خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ساياھەت ئاپتوبۇسىنى توختىتىپ، 20 ئەتراپىدا كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.
2010-08-23
مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇدىكى يەرلىك ئاھالە ۋە ساقچى ئورگانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋېتكا بۆلۈمى 19 - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان يەنە ئىككى گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان.
2010-08-22
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ كۇالالامپۇردىن خەۋەر قىلىشىچە، مالاسىيادا 988 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىتايچە رادىئو ئىستانسىسى مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن توختىتىلدى.
2010-08-22
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن كامبېرادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدە 70 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سايلامدا مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارتىيە چىقمىغان ۋەزىيەت پەيدا بولدى.