ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-07-26
ئۇيغۇرلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تەشكىلاتلىنىش خىزمىتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تەشكىلاتلارنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 7 - ئاينىڭ 17 - ،18 - كۈنلىرى لوندوندا يىغىن چاقىرىپ، يېڭىدىن ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. يىغىنغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان بىلەن باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتناشتى. يىغىننىڭ 1 - كۈنى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن باشقا، تەشكىلاتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
2010-07-26
تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ئاتا ماكان دەپ قارايدۇ. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى. بىز يېقىندا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. تۆۋەندە دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.
2010-07-26
يېقىندا تورونتودا چىقىدىغان تورونتو قۇياشى گېزىتىدە: " كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭىلىپ قالدى" سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە، كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېرنىڭ يېڭىدىن كاناداغا باش مىنىستىر بولغان 2006 - يىلىدىكى خىتايغا تۇتقان قاتتىق قول پوزىتسىيىسى بىلەن، كانادادىكى لېبىرال پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مايكىل ئېگناتىفنىڭ بۇندىن 4 يىل بۇرۇنقى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ھازىر كۆپ يۇمشاش كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىككى سىياسەتچىنى كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قۇرۇق سەپسەتە ساتقۇچىلار، ئىككى يۈزلىمىچىل سىياسىتىنى بازارغا سالغۇچىلار دەپ ئەيىبلىگەن.
2010-07-26
خىتايدا يەنە 80 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلەندى. بۇ نۆۋەتلىكى زەھەرلىنىش خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى خېچىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن. خېچىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى تارقاتقان باياناتتا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت جەمئىي 84 ئۆسمۈر قوغۇشۇندىن ئېغىر زەھەرلەنگەن.
2010-07-26
خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى خىتاي ئىچىدە زور كۆلەملىك تەبىئىي گاز ئامبىرى ياساشقا باشلىغان. خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئامباللار خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئىمپورت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە لايىھىلەنگەن.
2010-07-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
2010-07-26
بۇ ھەپتە ئاخىرى گۇاڭجۇدا يۈزلىگەن ئامما نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇاڭدۇڭ تىلىنى چەكلەش قارارىغا قارشىلىق بىلدۈردى.
2010-07-26
يۈزلىگەن قىرغىز خەلقى ئوش شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، خەلقئارا ساقچى خادىملىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كىرىشىگە ئېتىراز بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىش تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان.
2010-07-26
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ۋە "ئۈچ ئايرىلالاماسلىق" پرىنسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.
2010-07-26
يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇتوغلۇ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتتاككى ۋە برازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامورىن ئىستامبۇلدا ئۇچرىشىپ، ئىراننىڭ يادرو خام ئەشيالىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا بولغان ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققان ئىران يادرو كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ئائىت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
2010-07-26
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان 10 نەپەر رۇسىيە جاسۇسىنى قوبۇل قىلغان. پۇتىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر رۇسىيە رازۋېتچىكلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇكرائىنىيە زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىغان.
2010-07-26
ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى نېفىت تۇرۇبىسى 2006 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان خىتاي مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق قازاقىستان نېفىتلىرىنى ئىمپورت قىلىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا. ئەسلىدە بۇ تۇرۇبا ئارقىلىق يىلىغا ئون مىليون توننا نېفىت توشۇش ۋە كېيىن 20 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق تۆت يىلدىن بۇيان ئون مىليون توننا توشۇش پىلانى ئورۇندالمىغان.
2010-07-26
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان "تاجىكىستاندا تىل تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى" ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەردە يېزىلىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تاجىك تىلىنى رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، قانۇن ماقۇللاپ، تاجىك تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ھەر ساھەدە ئىشلىتىلىشىنى قوغداشقا باشلىغان. بەلگىلىمە بويىچە ھازىر پۈتۈن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەتلا تاجىك تىلى ئىشلىتىشكە كۆچكەن بولۇپ، ھەتتا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ ئىسىملىرى، ۋىۋىسكىلىرىنى تاجىك تىلىدا يېزىشى بەلگىلەنگەن. دۆلەت تىلى قانۇنى بۇزغان ئادەملەر جازاغا تارتىلغان بولۇپ، مۇنداق جىنايى دېلودىن ئون نەچچىسى تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللانغان.
2010-07-24
خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ غەيرەت نىيازنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2010-07-24
خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا " تۆتنى تونۇش" ئىدىيىسى تەربىيىسى ئېلىپ بارغان ۋە بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەرھلىرىدە 23، 24 - ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان. ھەرىكەتنى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى 8660 - قىسمى ئېلىپ بارغان. تەربىيە، ئائىلىلەرگە كىرىپ سۆھبەتلىشىش، " تۆتنى تونۇش" مەزمۇن قىلىنغان كالېندارلارنى تارقىتىش ۋە نامراتلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرى بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان.