ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-08-30
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن فائىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار يىغىلىشىغا ۋىرجىنىيە، ماريلاند شىتاتلىرىدا ۋە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
2010-08-30
خىتاي ئىككى كۈندىن بۇيان فرانسىيە، ئەنگلىيە، ۋېنگرىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ كەسپى خادىملىرىنى بېيجىڭغا توپلاپ، "مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى" دېگەن مەكتەپتە تەربىيىلەۋاتىدۇ.
2010-08-30
19 - ئاۋغۇست كۈنى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋەقە ھەققىدە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە ئۇنى "ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مال - مۈلكى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىنغان زوراۋانلىق ۋەقەسى" دەپ ئاتىغان.
2010-08-30
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تۈركىستان مەھەللىسىگە كېلىپ ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللاھ گۈلنى 100 لىگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن 20 مىنۇت مۇڭداشقان.
2010-08-30
2010 - يىلى، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ تارىخ زافەر تۇنيا مەدەنىيەت يىغىن زالىدا، 2 - نۆۋەتلىك "ئۇيغۇر پەن - مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-08-30
بۈگۈن ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك، ئونسۇ ناھىيىسىدە 4 كۈن قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن؛ ئابدۇرېھىم موللەكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ كەلگەن قىزىل سۇ يېزا ياشلار مەيدانىنىڭ باشلىقى خەن جيامېن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن يېڭى مەيدان باشلىقى، ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
2010-08-30
بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي ئابدۇرېھىم موللەك يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ قويۇۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ساقچىدا 4 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان.
2010-08-30
قىرغىزىستان دۈشەنبە كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 200 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان بولۇپ، مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنى رۇسىيە تەمىنلىگەن.
2010-08-30
خىتاي ئاخباراتلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا بىر تىبەتلىكنى تاسادىپىي ئېتىپ قويغانلىقىنى، ئۆلگۈچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇن ئېتىلغان ياۋا ئوقتا ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
2010-08-30
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاخبارات سىستېمىسىدىكىلەرنى "جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى" بويىچە تەربىيىلەشكە باشلىغان. كۇرس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ "تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ئاخبارات قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدا خەۋەر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش" مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
2010-08-30
خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئەيدىز پائالىيەتچىسى ئۆزى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ دادىسى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
2010-08-29
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چاڭچۈن شەھىرىدە، شىمالى كورىيە رەھبىرى كىميوڭئېلنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىنى ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەمدە كۈتۈۋالدى.
2010-08-29
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادېمىر پۇتىن بۈگۈن، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيىدىكى سكوۋوردىنودىن تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان نېفىت تۇرۇبىسىدىكى توساقنى كۆتۈرۈۋەتكەندە، خىتاينى خۇددى رۇسىيىنىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم نېفىت خېرىدارلىرىغا ئوخشاش مۇھىم خېرىدارى دەپ جاكارلىدى.
2010-08-29
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى، شەرقىي فۇجى تاغلىرىدا چوڭ كۆلەملىك ئېتىش مەشقى ئۆتكۈزدى.
2010-08-29
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ھىندىستاننىڭ چاخاتتىسگارخ شىتاتىنىڭ كانكار رايونىدا، ھىندىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى، يېڭى دېھلىدىن مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئورمانلىقتا تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ماۋچىلار يۇشۇرىنىۋالغان ئىستىھكاملىرىدىن چىقىپ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۆتۈپ جىددىي ئېتىشىش يۈز بەرگەن.