ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-08-24
خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى ICG قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇش ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يېڭى بىر توقۇنۇشنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، ئەگەر قىرغىز ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ باشقا ئاز سانلىقلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
2010-08-24
خىتاي ھازىر ئۆزىنى دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ جاكارلىدى. ئەمما، خىتاي ھازىر ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇم مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 105 - ئورۇندا تۇرىدۇ، خىتايدا ھازىر دۇنيا بۇيىچە ئەڭ نامرات يەنى ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش سەرپىياتى بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن سەۋىيىدە ياشايدىغان ئەڭ نامرات ئادەم سانى 150 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ، نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2010-08-24
ھازىر خوڭكوڭدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى چياڭ شىگۇڭ، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە چىقىدىغان "جەنۇب شاماللىرى" ژۇرنىلىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى.
2010-08-24
باش شتابى ئامېرىكىدىكى "مىراس فوندى جەمئىيىتى" دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغانلىقىنى ۋە پەقەت ياخشىلانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2010-08-24
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل - زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز كۈلتۈر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل تەربىيىسى دېگەن نام ئاستىدا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-08-24
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قەيسەرى شەھەر باشلىقى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۆپ ساندىكى مىنىستىرلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئالىي رەھبەرلەر قاتناشقان.
2010-08-24
1950 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىيالىيلار، سەنئەتچىلەر، مۇزىكانت ۋە ئەدەبىياتچىلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيتتى.
2010-08-24
قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان كۈچلۈك مىللىي روھقا ئىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي روھى، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەم مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا مۇكەممەل ساقلانغانلقىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ.
2010-08-24
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۇيغۇر بىز تور بىتىدە " ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۆلەتنى تەن ئېلىشىنى، مىللەتنى تەن ئېلىشىنى ۋە دىننى تەن ئېلىشىنى سىناق تەرىقىسىدە تەھلىل قىلىش" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.
2010-08-24
بۈگۈن رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئاقسۇدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ئىگەرچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياردەمچى ساقچىلار خىزمىتىنى تاشلىغان.
2010-08-24
ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا تۇتۇپ كېتىلگەن، 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا، تۈنۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىنگەن.
2010-08-24
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلىكلەر رايونىدىكى تىبەتلەر، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە كان ئېچىشىغا قارشى، بەييۈ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2010-08-24
تۈنۈگۈن سومالىدىكى ئەلشاباب تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى، سومالى پايتەختىدىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمچىلار مېھمانخانىغا ساقچى كىيىمى بىلەن يېتىپ كېلىپ، مېھمانخانا مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؛ ئاندىن مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىكى رېستورانغا باستۇرۇپ كىرىپ، رېستوراندا ئولتۇرغانلارنى ئوققا تۇتقان، ئارقىدىن ھۇجۇمچىلاردىن بىرى بېلىدىكى بومبىنى پارتلاتقان.
2010-08-24
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى كەچتە خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2010-08-24
خىتايچە ياشىن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى خەلق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخمەت ئەلى، ئۆتكەن يىلقى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە، 3 خىتاي پۇقراسىنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 3 تال قوۋۇرغىسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن.