ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-27
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دۇران بۇلۇت ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا مەخسۇس خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىدى.
2011-12-27
شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا «31-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2011-12-27
گېرمانىيىدىكى ۋ د ر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى كىرستېن رۇلف خانىم خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى بىر يېرىم ئاي كۆزەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەلقنى قانداق ئەخمەق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.
2011-12-27
كانادادا چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا، 2011-يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز دىكتاتورلار تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي دىكتاتورى خۇ جىنتاۋنى 5-ئورۇنغا تىزغان.
2011-12-27
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك ئەتراپىدىكى ئاتابېيت قەبرىستانلىقىدا 2010-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلار نامىغا ئاتاپ ياسالغان گۈمبەزگە، ئۇيغۇر يىگىتى پەرھات ئەخمەتوفنىڭ رەسىمى ۋە تەرجىمىھالى خاتىرە سۈپىتىدە قويۇلدى.
2011-12-27
مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇبارەك بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاخىرقى سوتى يېقىنلىشىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۇنى ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىققان.
2011-12-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاتۇشتىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاتۇشتىكى دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئاتۇشتىكى مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنى چەكلەش ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
2011-12-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن مەلۇمات ھەم رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا 20 نەچچە كىشى قولغا ئېلىنغان.
2011-12-27
رۇسىيىدىكى تا س س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سىبىرىيە رايونىغا جايلاشقان يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىدا 25-دېكابىردىن 27-دېكابىرغىچە داۋاملاشقان ئوت ئاپىتىدە، ماللىرى ھەم دۇكانلىرى كۆيۈپ كەتكەن خىتاي سودىگەرلىرى مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىغان.
2011-12-27
جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى، كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغدايدىغان دېڭىز ساقچىلىرىنى كۆپەيتىپ، خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-12-27
ياپونىيە ھۆكۈمىتى 27-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 35 يىلدىن بۇيان ياپونىيىنىڭ چەتئەللەرگە قارىتىلغان قورال ئېكسپورتىدا، ئىلگىرى ئەمەل قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان چەكلىمىلەرنىڭ بوشاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-26
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8-ئايدا خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، خىتاي «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
2011-12-26
1944-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆمرىنىڭ كېيىنكى 30 يىلىنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى.
2011-12-26
د ئۇ ق سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 42-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
2011-12-26
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەپ كەلگەن.