ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-26
قازاقىستاندا چىقىدىغان مۇستەقىل «ياش ئالاش» گېزىتىدە، ئۆكتىچى قازاق زىيالىيلىرىنىڭ نۇرسۇلتان نازاربايىفقا يازغان ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىندى.
2011-12-26
ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرىدە، بۇندىن 17 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتىنى خاتىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەيىبلەندى.
2011-12-26
خىتاي ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئۆكتىچىلەردىن، چېن ۋېي ۋە چېن شىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بەرگەن؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە ئۆكتىچى گاۋ جىشېڭغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
2011-12-26
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، كۈيئوغلى تىمۇر قۇلىبايېفنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2011-12-26
جاڭ چۈنشيەن 22-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ساقلاش» يىغىنىدا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-12-26
ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ مارالبېشىدىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەرزدار ئايگۈل توختى، ئۈچ كۈندىن بۇيان مارالبېشى قاماقخانىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان.
2011-12-26
خىتايچە ياشىن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 9 نەپەر ساقچى خادىمى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۆلگەن. مۇخبىر بۇ ئۇچۇرنى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ج خ نازارىتىدە ئېچىلغان بىر سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.
2011-12-25
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1949 - يىلىدىن كېيىنكى ھىجرەت ھاياتىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىز نۆۋەتتە ئۇنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇپ ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەت پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
2011-12-25
«جۇڭگو ياشلار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان „دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكى" ناملىق ئۇزۇن ماقالىدە، چىرا ناھىيىسى دامىكو رايونىدىكى مەدەنىي مىراسلارنىڭ ئوغرىلىنىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى بايان قىلىنغان.
2011-12-25
بۇ تەدبىرلەر سۈرىيەگە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ تېلېفون - ئىنتېرنېت ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭدىن ئىلگىرى،كانادا دائىرلىرى سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشېر ئاسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 نەپەر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ كانادادىكى مال - مۈلكىنى توڭلاتقان ۋە سۈرىيەنى ھەربىي قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2011-12-25
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ئاكتىپ قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان.
2011-12-25
قازاقىستاننىڭ ماڭگىستاۋ ۋىلايىتىدىكى جانائوزېن رايونىدا يۈزبەرگەن نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى ۋە ساقچىلار بولغان توقۇنۇشتا كۆپ ساندا ئادەم ئۆلگەنلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەردىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 47 نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېفقا مەكتۇپ يوللاپ، تەقىبلەشلەرنى توختىتىشقا چاقىرغان.
2011-12-25
24 - دېكابىر كۈنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ۋە يىغىلىش بولدى.
2011-12-25
قىرغىزىستان پارلامېنتى 23 - دېكابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، 41 ياشلىق ئۆمۈربېك بابانوفنى جۇمھۇرىيەتنىڭ باش مىنىستىرى قىلىپ بېكىتتى.
2011-12-25
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان تارىخىي شاھىتلاردىن بىرى مۇنىر ئېرزىن ئەپەندىنىڭ بايانلىرى ئاڭلىتىلغاندىن تاشقىرى يەنە قازاقىستاندىكى ئاباي نامىدىكى دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.