ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-24
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى ئىككى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئەيدىز كېسىلىنى تېببىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن ئەيدىزگە دىنىي نۇقتىدىن قانداق قاراش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنى، ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلا ۋە «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» دېگەن كىتابنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
2011-12-24
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۆمەرجان ياتاققا كىرىپ ماڭا- «سائەت يەتتىدە ئىشخانىغا بېرىڭ» دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەن شەمشىجامالنى، ئابلىزنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتىم. ئۇجۇقۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن ياتاقتىكى قىزلارنى رەنجىمەستىن سىرتقا چىقىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندۈم ...
2011-12-24
20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژادىن قايتۇرغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان بايانات ھەققىدىكى خەۋەر كامبودژا پايتەختى پىنومپېندا چىقىدىغان «پىنومپېن پوچتا» گېزىتىدە خەۋەر قىلىندى.
2011-12-24
23 - دېكابىر جۈمە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېنۋېيغا «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىپ، 9 يىللىق قاماق جازاسى بەردى
2011-12-24
يېڭىدىن سايلانغان قىرغىز باش مىنىستىرى ئۆمۈربەك بابانوف جۈمە كۈنى قىرغىزىستاندا مۇقىملىقنى قوغداپ، نامراتلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە يەرلىك جىنايى گۇرۇھلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-24
رۇسىيىدىكى بەزى نامايىشچىلار رۇسىيىدە ئىنقىلاب قوزغاشنى خالايدىكەن. كرېملىن سارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، نامايىشچىلار بۇ نۆۋەتلىك رۇسىيە پارلامېنت سايلىمىدىن كېلىپ چىققان تالاش - تارتىشنى ئەرەب دۇنياسىدا بىر نەچچە رەھبەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلاشقان ئىكەن.
2011-12-23
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن چېن ۋېي ئىسىملىك يازغۇچىنى ئىنتېرنېتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
2011-12-23
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇپ بېرىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.
2011-12-23
ھەممىمىزگە مەلۇم بولۇۋاتقاندەك، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخى سۈپىتى ۋە نەچچە يۈز يىللىق تارىخى ئۆيلەر شەھەرنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش دېگەن نام ئاسىتدا چېقىلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.
2011-12-23
«جۇڭگو ياشلار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكى» ناملىق ئۇزۇن ماقالىدە، چىرا ناھىيىسى دامىكو رايونىدىكى مەدەنىي مىراسلارنىڭ ئوغرىلىنىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى بايان قىلىنغان.
2011-12-23
ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى 23 - دېكابىر كۈنى ياپونىيىنىڭ توكىيو شەھىرىدە تەيۋەن پۇقرالار ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
2011-12-23
مەلۇمكى، 1986 - يىلنىڭ 16 - دېكابىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يېڭى مەيدانىدا باشلانغان قازاق ياشلىرىنىڭ نامايىشى 17 - دېكابىر كۈنى كەڭ دائىرىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان ئىدى.
2011-12-23
سۈرىيە ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتماقتا. سۈرىيىگە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كۆزەتچىلەر يېتىپ بېرىشى بىلەن تەڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەن.
2011-12-23
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف تۈنۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى كۈيئوغلى تىمۇر قۇلىبايىفنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىدىن بىرى بولغان سامرۇق قازنا شىركىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-12-23
شىمالىي كورىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى تۈنۈگۈن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىن، ۋاپات بولغان رەھبىرى كىم جوڭئېلغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. تەلەپ ئومۇمىي كېڭەشنىڭ رەئىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ب د ت دىكى ۋەكىللەر بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇشقا چاقىرىلغان.