ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-23
خىتاينىڭ گۇاڭتيې تۆمۈر يول شىركىتى بۈگۈن توربېتىدە بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش ۋە پويىزدا ئولتۇرۇشتا كېرەك بولىدىغان 23 خىل كىنىشكىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
2011-12-23
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2005-يىلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك شەھەر، يېزا ۋە كەنتلەرنى باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق باھالاشتا كورلا ۋە قاراماي شەھىرى مەدەنىيەتلىك شەھەرلەر قاتارىدا باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.
2011-12-22
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن نۇرگۈل توختى، بۇ يىل 7-ئايدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ، ئاقسۇ ئۇچتۇرپانغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئۇچتۇرپاندا 38 كۈن قاماقتا ياتقان.
2011-12-22
كۆكرەك راكى يەنى سۈت بېزى راكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان خاراكتېرلىك راك كېسەللىكتۇر.
2011-12-22
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خەيمىن بازىرىدا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان، ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدا كۆپلىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.
2011-12-22
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندى.
2011-12-22
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپىيىش ھەم باشقا ئېھتىياجلارغا ئاساسەن، تۇنجى قېتىملىق «سەبىيلەر ساداسى» ناملىق ژۇرنىلىنى 2011-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ نەشر قىلغان.
2011-12-22
ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزگەن ساقچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغا قەدەر قېچىپ يۈرگەن 505 نەپەر قاچقۇن قولغا چۈشكەن.
2011-12-22
سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاخىرقى نەپىسىدە تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە سۈرىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 250 كە يەتكەن.
2011-12-22
قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى قىرغىز دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيى زالىدا 22-دېكابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2011-12-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنجۈن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2011-12-22
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارادىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ 2011-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ بىر يىل ئىچىدە دۇنيا مىقياسى بويىچە 66 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 1044 مۇخبىرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 2000 غا يېقىن مۇخبىرنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-22
ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىغان بىر خىتاي ئىنژېنېر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن خۇاڭ كېشۆ 2003-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتىدە ئىشلىگەن.
2011-12-22
خىتاينىڭ سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.