ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-10-31
گەرچە ئۇيغۇرلار سودا سانائەتكە كىرىشكەن تارىخى ئۇزۇن بىر مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان، زامانىۋى سودا تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىدىغان، كەسىپلەشكەن مەكتىپى يوق ئىدى.
2011-10-31
خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېنجۇ شەھىرىدە ھازىر، خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋەيران بولۇش، شىركەت خوجايىنلىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى ئادەم ياللاپ قاتىللىق قىلىش بىر جىددىي ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ قالغان.
2011-10-31
19-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان پولات ھاجى ئەپەندى، بۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى سالدۇرغان ۋەخپە زېمىنىنى پولات ھاجى ئەپەندى ۋەخپى نامىدا قايتىدىن تىزىمغا ئېلىنغان.
2011-10-31
تارىختىن مەلۇمكى، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەشھۇر قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ قەشقەرىيىگە قىلغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ماكان ئەتكەن رايونلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە باي مەلۇماتلارنى توپلىغان ئىدى.
2011-10-31
30-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ھاكىمىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2011-10-31
بۈگۈن ئەتىگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن نورۋېگىيىنىڭ بەرگىن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.
2011-10-31
تۇرمۇشتا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بۇنداق ئىشلارنىڭ بەزىلىرى ۋاقىت، ئورۇن ۋە شەخس قاتارلىق ئامىللىرىدىن باشقا، ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان دەرىجىدىكى تاسادىپىيلىقى بىلەنمۇ، بىر ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدىكەن.
2011-10-31
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى بۈگۈن 8-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىنىنى ئېچىپ، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 نەپەر ئەزاسى ۋە پارتكوم سېكرېتارلىرىنى بېكىتىپ چىقتى.
2011-10-31
ب د ت پەن-مائارىپ كومىتېتى بۈگۈن پارىژدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىننى رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە بىلەت تاشلىدى. يىغىندا 14 كە قارشى 107 ئاۋاز بىلەن پەلەستىن مەزكۇر كومىتېتقا ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى. بۇ تۇنجى قېتىم ب د ت قارمىقىدىكى بىر ئورگاننىڭ پەلەستىننى مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىدۇر.
2011-10-31
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، 2011-يىللىق رافتو مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقىپ، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى نورۋېگىيىگە يېتىپ باردى.
2011-10-31
ناتو باش سېكرېتارى ئاندرېس راسمۇسسەن بۈگۈن لىۋىيە پايتەختى تروپولىنى زىيارەت قىلىپ، 7 ئاي داۋام قىلغان لىۋىيە پۇقرالىرىنى قوغداش ئەسكىرىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2011-10-31
فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن ئاۋسترىيىدە زىيارەتتە بولدى.
2011-10-30
خىتاي مەتبۇئاتلىرى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە قېتىلىپ، بەشار ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇلارنىڭ جەڭگە قېتىلىشتا ئەلقائىدە تەشكىلاتىدىن تەلىم ئالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۈنۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
2011-10-30
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 16 كاندىدات ئۈچۈن بېلەت تاشلانغان.
2011-10-30
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇنەن ناھىيىسىدە 29-ئۆكتەبىر كۈنى بىر ساقچى باشلىقى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ 5 ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.