ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-02-28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا، 1998- يىلى ئۇشتۇمتۇت ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ ئەمما بۇنىڭ قانائەتلىنەرلىك بىر سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەن ئىدى.
2011-02-28
ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە پارتلىغان دېموكراتىك ئىنقىلابلارنىڭ تەسىرىدە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، خىتايدا «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى باشلاندى.
2011-02-28
دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر لىۋىيىدىكى توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ، زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى كازافىينى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇشتۇر، دەپ قارىدى.
2011-02-28
لىۋىيە ھاكىمىيىتىنى قىرىق يىلدىن ئارتۇق چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كازافىي ھەققىدىكى كونا رىۋايەتلەر مەسخىرىگە ئايلاندى. كازافىينىڭ ئىسلام سوتسىالىزمىغىمۇ كىشىلەر ئىشەنمەيدىغان بولدى.
2011-02-28
تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور نەجمەتتىن ئەرباقان 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 85 يېشىدا ۋاپات بولدى.
2011-02-28
ئالماتادىكى ئۇيغۇرلار 27-فېۋرال كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۆتىۋەر ئابباس قارىھاجى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ يىل نەزىرى ئۆتكۈزدى.
2011-02-28
سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قالدۇرغان ياخشى تەسىراتلىرى تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن.
2011-02-28
قازاقىستان ئانالىزچىلىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت سەپىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2011-02-28
خىتايدا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان باستۇرۇش تەدبىرلىرىگە قارىماي، خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىش چاقىرىقى يەنە ئېلان قىلىندى. چاقىرىقتا كېلەر يەكشەنبە يەنى 6-مارت يەنە «ياسىمەن گۈلى نامايىشى» ئۆتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2011-02-28
يەكشەنبە كۈنى خىتايدىكى شاڭخەي ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش مەيدانىغا كەلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
2011-02-28
ھىندىستان دۈشەنبە كۈنى يىللىق ھەربىي خامچوتىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كۆزەتچىلەر بۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
2011-02-28
27-فېۋرال ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شىمالىي ۋىرگىنىيە ئىنستىتۇتىدا يىغىن چاقىرىپ، بۇ يىل مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
2011-02-28
خىتاي دائىرىلىرى 22-فېۋرال ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇرنى ئەكسىلئىنقىلابىي مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
2011-02-27
خىتاي ساقچىلىرى 27-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق «يەسىمەن گۈلى» يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق قامال قىلىشنى كۈچەيتكەن بىلەن ئەمما خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسەتتى، يەنى خوڭكوڭ دېموكراتلىرى ئاز دېگەندە ئۈچ جايدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن يىغىلغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
2011-02-27
خىتايدا 27-فېۋرال كۈنى 10 نەچچە شەھەردە ئىككىنچى قېتىم «يەسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى قىلىش چاقىرىقى تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىرىشكەن ئىدى.