ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-05-31
بىر يىلدىن بۇيان قازاقىستاندا پاناھلانغان ئۇيغۇر ياش ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2011-05-31
ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن.
2011-05-31
خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا تەۋەلىكى تېخىچە ھەل قىلىنمىغان پاراسېل ئاراللىرىدا تۈنۈگۈن يەنە ۋەقە يۈز بەردى ۋە ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى جىددىيلىك پەيدا قىلماسلىقى لازىم دەپ ئاگاھلاندۇردى.
2011-05-31
ئالدىنقى ھەپتە چەتئەللەردىكى ئۆزبېك ئۆكتىچى گۇرۇھلىرى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىلگىرىكى ئەرك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سالىھ ئەپەندىنى رەھبەرلىككە تەيىنلىدى.
2011-05-31
شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاۋاز ئارخىپى مۇزېيى بىلەن شۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ۋە تىياتىر مۇزېيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت كۈرەش كۈسەنگە ئاتاپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىلغان.
2011-05-31
نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق نېفىت ئاققۇزۇش ۋە خام نېفىت سېتىۋېلىش مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
2011-05-31
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ قىرىقىنچى يىللىرى باسقۇنچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ كۈنگىچە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدە ئىستىقامەت قىلماقتا.
2011-05-31
ياۋروپادا ياشاۋاتقان موڭغۇل ئاكتىپلىرى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا توپلىشىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى نارازىلىق نامايىشىغا ئاۋاز قوشتى.
2011-05-31
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كوچىلاردىكى چارلاش ساقچىلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتكەن.
2011-05-31
خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۈ 31-ماي سەيشەنبە كۈنى، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.
2011-05-31
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، بۇ يىل جەمئىيەتتىن 11502 نەپەر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2011-05-31
1989-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىدا پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغانلاردىن دىڭ زىلىن قاتارلىق 127 نەپەر ئانا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىمزالىق خەت يېزىپ، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغانلارغا تۆلەم بېرىشنى، ھەم ئەينى چاغدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
2011-05-31
1868-يىلى ئامېرىكىنىڭ جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىكى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىي خادىملارنى خاتىرىلەش كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ يىلقى بۇ بايرام 30-ماي كۈنىگە توغرا كەلدى.
2011-05-30
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى يېتىپ كېلىشكە بىر ئايچە ۋاقىت قالغاندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرىدە 2-قېتىملىق «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنى چاقىردى.
2011-05-30
خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشقا رايونلارغا تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ۋەقەنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا.