ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-07-31
خىتاي ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 8 كىشى ئۆلگەن، 28 كىشى يارىدار بولغان.
2011-07-31
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىلا بۈگۈن، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە كەينى -كەينىدىن خەۋەر ئېلان قىلدى.
2011-07-31
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيە پرېزىدېنتى ئاساد نىڭ قىسىملىرى بۈگۈن، خاما شەھىرىگە تانكا بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، خەلقنى پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتتى.
2011-07-31
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە تۈركىيىدە ھەربىي قىسىملارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى قايتىدىن سەپلىنىۋاتىدۇ.
2011-07-31
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەردە بۈگۈن كەچ سائەت 3 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە،يېمەك بازىرىدا پارتلاش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ساقچىلىرى ھازىر قەشقەردە قاتناشنى چەكلەپ، قاچاقتىكى جىنايەتچىنى قوغلاپ تۇتۇش دېگەن بىر ھەرىكەتنى باشلىغان.
2011-07-30
گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى، شۋېتسىيە«ئۇيغۇرىستان» كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى.
2011-07-30
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە يۈز بېرىپ، 40 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تىز پويىز ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.
2011-07-30
خىتاي گېنېرال خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاۋىئاماتكىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
2011-07-30
تەيۋەنگە رېئاكتىپ ئايروپىلان سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئۇچرىشىشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
2011-07-30
بۇ نۆۋەتلىك رامزان ئەرەب دۇنياسىنى نىزا قاپلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، بۇنىڭ بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئەنسىرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2011-07-30
ناتو قىسىملىرى كازافىي ئىگىدارچىلىقىدىكى لىۋىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 دانە تارقىتىش مۇنارىنى بومباردىمان قىلدى.
2011-07-29
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆچمەن خىتايلارغا ئېتىبار بېرىپ، خىتاي كارخانىلىرى ئىگىلىۋالغان يەرلەردىن ھەق ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-07-29
18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
2011-07-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر پىلان ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، چەتئەل شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا ئويلىشىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
2011-07-29
زەھەر پادىشاھى دەپ ئاتالغان خۇ ياڭنىڭ خىتاي يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە يېقىنلىق مۇناسىۋىتى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.