ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-27
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارالىق ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارالىق سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي قاتارلىق بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ساختا دورىلارنىڭ ئافرىقا خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي قاتارلىق بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ساختا دورىلارنىڭ ئافرىقا خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-12-27
بۈگۈن چىڭخەي ئۆلكىسى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخەي گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە دائىرىلەر بۇندىن كېيىن كوچىلاردا چارلاش ساقچىسى ۋە ھەربىيلەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەت راھىبلىرى مەركەزلىك جايلاشقان توڭرېن رايونىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تەكشۈرۈش بېكەتلىرى قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2012-12-27
25 - دېكابىر كۈنى قازااقىستاندا بىر ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 7 خىزمەتچى ۋە 20 ئوفېتسىر ھەممىسى قازا قىلغان ئىدى. قازاقىستان چېگرا قوغداش ئىدارىسدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ ۋەقە قازاقىستان خەلقىنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى. پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف بۈگۈن رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، 27 - دېكابىر كۈنىنى دۆلەت بوىىچە ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى.
2012-12-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ، ئالدىمىزدىكى 3 - ئايدا جەنۋەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2012-12-27
بىز ئۆتكەن ھەپتدىكى پروگراممىزىدا 5 - ئىيۇل غايىپلىرىدىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخاننىڭ ئۈرۈمچى ئالتۇنبۇلاقتىكى ئۆيىدىن ساقچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ھەيدەلگەنلىكى ۋە سۇدىخان ئائىلىسىنىڭ ئالتۇنبۇلاقتىكى بىر مېھمانخانىدا كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مۇخبىرىمىز سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى. ساقچى خادىمى سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنى بالىسىنى ئىزدەشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.
2012-12-27
26 - دېكابىر كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى «جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخسى»نى ئېلان قىلىپ، 2013 - يىلى 1 - يانىۋاردىن باشلاپ،يېڭى قانۇنى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-12-27
تۈركىيە قانال7 تېلېۋىزىيىنىڭ «دىيار، دىيار» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە تاماقلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
2012-12-27
تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى 41 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سىياسىي مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2012-12-27
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944 - ، 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «شەپقەت ھەمشىرەسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
2012-12-27
ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى توشىئو تاموگامى يېقىندا ئۆز نامىدا نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنالدا «دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ياپونلارنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇشى» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
2012-12-27
خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ ئۇيۇشما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلگىلىگەن قانۇنلارنى، خىتابنامىلەرنى ھازىرقى مەۋجۇت مەملىكەتلەرنىڭ بارلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ شەرتلىكى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇمدۇر. ئەينە شۇ قانۇنلارنىڭ بىرى - ھەر بىر مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ساقلاش ھەم ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتۇر.
2012-12-27
يېقىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى، باش يىگىت بېشى ئۆمەرجان ھەمرايىۋ ۋە ئىتتىپاق كېڭىشىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرى ئىسسىق كۆل ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتتىپاق شۆبىلىرى قۇرۇش، ئاياللار كېڭىشى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
2012-12-26
ئۆزبېكىستان 31 - دېكابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ تاجىكىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ ئۇچۇرنى ئۆزبېكىستان تەبىئىي گاز شىركىتى «ئۇزتراسگاز» شىركىتى تارقاتقان.
2012-12-26
70 تىن ئارتۇق خىتاي پروفېسسور ۋە ئادۋوكات خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق دەرىجىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە پارتىيىنى ھۆكۈمەتتىن ئايرىشقا چاقىردى.
2012-12-26
26 - دېكابىر ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا بىلەت تاشلاپ، سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى قايتىدىن باش ۋەزىر قىلىپ سايلاپ چىقتى. شىنزو ئابې سايلامدىن كېيىن يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى.