ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-01-02
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېڭى يىلدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە چەتئەللەردىكى خىتاي مەدەنىيىتى تەسىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2012-01-02
نىڭشيانىڭ خېشى يېزىسىدىكى بىر مەسچىتىنى چاقماقچى بولغان خىتاي ساقچىلىرى بىلەن يەرلىك تۇڭگانلار توقۇنۇشۇپ 50 ئادەم يارىلانغان.
2012-01-01
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرجىنيا،ماريلاند ھەم شۇنىڭدەك باشقا شتاتلاردىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار فەئىرفاكىس شەھىرىدە 2012 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
2012-01-01
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاجىكىستان بىلەن چېگرىداش باتكەنت ئوبلاستىنىڭ لەيلەك رايونىدىكى ئانداراك يېزىسىدا 29 - دېكابىر كۈنى تاجىكلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
2012-01-01
شىمالىي كورىيە دۆلەت رەھبىرى كىم جۇڭىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 28 ياشلىق ئوغلى كىم جۇڭيۇننىڭ ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، يەنى، 1 - يانۋار كۈنى ئۇ شىمالىي كورىيە تانكا قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ مەزكۇر كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ئۇنىڭ تاغىسى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي دائىرىلەر ھەمرا بولغان.
2012-01-01
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتى ھاۋايىدا 2012 - يىلىنى كۈتۈۋالدى. باراك ئوباما ھاۋايىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قىشلىق دەم ئېلىشتا ئىدى. ئوباما 31 - دېكابىر كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ 2011 - يىلىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
2012-01-01
پارىس قولتۇقى رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىران دېڭىز ئارمىيىسى 1 - يانۋار كۈنى ئوتتۇرا مۇساپىلىك بىر راكېتا سىنىقى ئېلىپ بارغان.
2012-01-01
پروگراممامىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا 1944 - يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ تاشكەنتتىكى 30 يىللىق سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.