ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-25
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى جەمىئىيتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 23 - دېكابىردا ئىستانبۇل زەيتىبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان دېڭىز فەنەرى جەمىئىيىتى يىغىن زالىدا «دوستىمىز ئىلىم - مەرىپەت، دۈشمىنىمىز نادانلىق ۋە جاھالەت» شۇئارى ئاستىدا ئېچىلدى.
2012-12-25
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە بەرگەن دوكلاتىدا : «تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلمىغان جاي قويمايمىز» دېدى. 24 - دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايىتىدىن بىرى بولغان ئاقساراي ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ئاقساراي شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
2012-12-25
يەكشەنبە كۈنىدىن تارتىپ ستوكھولىمدا داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
2012-12-25
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى لورېنز ئۆزىنىڭ «1954 - يىلىدىن 1962 - يىلغىچە بولغان خىتاي، ھىندىستان مۇناسىۋىتى» دېگەن ئەسىرىنىڭ «تىبەت مەسىلىسى» دېگەن بابىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
2012-12-25
«رۇسىيە ئاۋازى» تور بېتىدە يېقىندا «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.
2012-12-24
مەلۇم بولۇشىچە، ئافرىقىدا بالىلار بەزگەك كېسلىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە يۇقىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئافرىقىدا تارقالغان خىتاينىڭ ساختا دورىلىرى، مەزكۇر كېسەلنى داۋالىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ساقايماس كېسەلگە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
2012-12-24
خىتاي شىنجاڭ گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئايروپىلان بۇلاش شەكلىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى تەكرار سادىر قىلمالىققا چاقىرغان.
2012-12-24
شېنجىن شەھىرىنىڭ بۇجى بازىرىدىكى ئاھالىلەردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شەھەر ئىچىدە يول توسۇپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2 ئاينىڭ ئالدىدا دائىرىلەر شېنجىننىڭ بۇجى دېگەن بازىرى ياقسىدا بىر ئېلىكتىر ئىستانسىسى ۋە بىر ئەخلەت كۆيدۈرۈش مەيدانى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2012-12-24
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى دۆلەتلىك جۇغراپىيە مۇزىيى، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «1001 كەشپىيات: ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ناملىق كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.
2012-12-24
ب د ت 1992 - يىلى دېكابىردا «ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ماقۇللاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداشنى ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى. د ئۇ ق يېقىندا 9 ماددىلىق مەزكۇر ئەھدىنامە ماقۇللانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى خىتاي ئىمزا قويغان مەزكۇر ئەھدىنامىگە خىلاپ.
2012-12-24
يېقىندىن بۇيان خىتاي تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن شەخسى مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان سادالارنى كۈچەيتمەكتە.
2012-12-24
تۈركىي تىللىق 25 مىللەت ياشايدىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدا سەپەرۋەر قىلىنغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا «مەھمۇد كاشىغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسى» 21 - دېكابر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى.
2012-12-24
چىنەباغ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممە شەھەر،يېزا، قىشلاقلىرىدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان يەر - جاي ناملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باغ - ۋاران، گۈل - گىياھلارغا ھېرىسمەن خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ماكانلارنى باغۇ - بوستانلارغا ئايلاندۇرۇپ، تەبىئىي گۈزەللىككە تۇيۇنغان باغلارنى بەرپا قىلىپ ياشاپ كەلگەن.
2012-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىلىۋاتقان ئېغىر ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر تىببىي خادىم ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.