ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-24
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى ياۋروپا - رۇسىيە ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا بىرلىكىنى رۇسىيە ئۆزى قۇرماقچى بولۇۋاتقان ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسىنى تونۇشقا ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇشقا چاقىردى.
2012-12-24
خىتاي دائىرىلىرى لوپنۇر كۆلى رايونىدىكى تەبىئىي تۇز كانىنى قېزىش قەدىمى تىزلىتىش ئۈچۈن، مەزكۇر رايونغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۆمۈريول لىنىيىسىنى قۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆمۈريولدا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلانغان.
2012-12-24
مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسى مىسىرنىڭ يېڭى دۆلەت قانۇنىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مىسىرلىقلار بۇ قانۇننى قوللايدىغان ۋە قوللىمايدىغانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ۋە ھەر تەرەپتىن بەزى نامايىشلار بولغان ئىدى.
2012-12-23
ئىسساقبېك مۇنۇنوف ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يەنىلا مەخپىيەتلىكتىن قالدۇرۇلمىدى. نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي رەھبىرى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە ئىزدىنىشلەر يېڭى بىر پەللىگە چىقماقتا.
2012-12-23
داڭلىق رۇس تۈركولوگ، تارىخچى ۋە شائىر لېۋ گۇمۇلىيېۋنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «گۇمۇلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى مىراسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2012-12-23
يەكشەنبە كۈنى مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئاساسىي قانۇنغا بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە 64% ئاۋاز بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇن قوبۇل قىلىندى.
2012-12-23
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان «2013 - يىللىق خامچوت يىلىدا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن ماددىسى»غا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
2012-12-23
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى ئىككى چوڭ بازاردا يەكشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 600 دىن ئارتۇق دۇكان كۆيۈپ كەتكەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈنلەي كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىنىدىغان مەزكۇر ئىككى بازاردا شەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى باشلانغان بولۇپ، ئوت ئاپىتى يەكشەنبە كۈنى چۈشكىچە داۋاملاشقان.
2012-12-23
ھۆرمەتلىك دوستلار! بۇ ھەپتىلىك سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتە ئۈچۈن تەييارلانغان سانىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاندىن، بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە يېزىلغان ماقالە ۋە شېئىرلاردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا، «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.
2012-12-22
يېقىندا ياپونىيىدە ئالاھىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى ياپونىيىدىكى كۈنلىرىدە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى بەزى بىر قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
2012-12-22
تىبەت ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى لخاسانىڭ قەدىمىي شەھەر مەركىزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرۇلۇش باشلىغان.
2012-12-22
ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تەڭسىزلىك بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنىۋاتقان چەتئەل مەبلىغى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، 396 مىليون دوللارغا يەتكەن.
2012-12-22
سرىلانكا ساقچىلىرى ئىنتېرنېتتا ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان يۈزدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالدى.
2012-12-22
بىر ئاقىل توختىماي قىلاتتى خىتاب: كىتابسىز ئىنسان ئۇ ئەما ھەم بىتاب...
2012-12-22
يېڭى ئەسىرگە كىرىپلا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش دولقۇنلىرى بىلەن سىياسىي ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەن پاكىستاندا باشقا مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قۇربانجان مۇداشمۇ ۋەھىمە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىتاي بىلەن يوشۇرۇنچە ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلغان پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرەپ - تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ مەخپىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلايدۇ.