ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-02-01
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتاينى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتى ياۋروپادا مالىيە كرىزىسى پارتلاپ، گرېتسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جىددىي قۇتقۇزۇشقا دۇچ كەلگەن نازۇك پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
2012-02-01
ئۆتكەن ئايدا ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، خىيانەت قىلغان يېزا كادىرلىرىنى كەنتتىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دېموكراتىك ھالدا سايلام ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2012-02-01
خىتاينىڭ ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بارغانچە ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھىندىستان تەرەپنى ئەنسىرىتىشكە باشلىغان.
2012-02-01
كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيىلەر 4 يىلدا بىر قۇرۇلتاي چاقىرىپ پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارىنى سايلاپ چىقىدۇ.
2012-02-01
گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان رىزۋانگۈل مەخسۇمنىڭ ئىككىنچى كىتابى-«گوللاند تېلى گرامماتىكىسى» نەشردىن چىقتى.
2012-02-01
بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە 24 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ئاۋسترالىيىدە قېلىپ قالغان بولسا، مانا ئەمدى خىتايلار ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ ياخشى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى، ئۆيلىرىنى ھەرخىل يوللار بىلەن سېتىۋېلىپ، ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا.
2012-02-01
«خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش توغرۇلۇق مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.
2012-02-01
خىتاي «رادىئو تورى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.
2012-02-01
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ب د ت نىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئاسادنى تەختتىن چۈشۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن رەت قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.
2012-02-01
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، تىبەت بۆلگۈنچىلىرى سىچۈەندە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدى، ھازىر سىچۈەندە جىددىي داۋالغۇش پەيدا بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ تىبەتكىمۇ تەسىرى يېتىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
2012-02-01
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، سۇداندا تۇتقۇن قىلىنغان 29 نەپەر خىتاي پۇقراسىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-02-01
پەن-تېخنىكا گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى لاكت مارتىن شىركىتىنىڭ كالىفورنىيىدىكى «ساندىيا» ناملىق دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا بىرخىل يېڭى ئوق ئىشلەپ چىقىلدى.