ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-03-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى ئۇيغۇر سەنئەت ئەترىتى 28-مارت ئامېرىكىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان.
2012-03-30
ئەنگلىيە «تايمىز» گېزىتى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيۋۇدنىڭ ئۆلۈمى خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۆرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيۋۇدنىڭ سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى، كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بۆ شىلەي بىلەن يېقىن ئاغىنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.
2012-03-29
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور قۇرۇلۇشىغا ھۆددىگەر بولۇپ قاتنىشىپ، سودا توختامنامىسىگە ئېرىشىشىگە چەكلىمە قويغان.
2012-03-29
خىتاي دائىرىلىرى ئاساس قاتلاملاردا ئاكتىپلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
2012-03-29
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىر چوڭ بازار شەكلىدىن باشقا برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت يەنە بىر خىل بازار شەكلى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
2012-03-29
1991-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىي-مائارىپ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
2012-03-29
ئىستانبۇلدا سۈرىيىنىڭ پۈتكۈل ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى توپلىشىپ، سۈرىيىنىڭ 26 ئوخشىمىغان مۇخالىپ گۇرۇپپىسى ئاخىرى بىرلەشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم ھەرىكەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار ئالدى.
2012-03-29
مۇتەخەسسىسلەر يىلىغا 200 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قارشىلىق يۈز بېرىۋاتقان خىتايدا مۇقىملىقنى، تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسىي ئامىل سىياسىي ئىسلاھات، دەپ قارىماقتا.
2012-03-29
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا 1949-يىلدىن تارتىپ بىر نەچچە قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان ئىدى.
2012-03-29
سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ سابىق باش كاتىپى كوفى ئاننان سۇنغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە بۇ تەكلىپلەرنى ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنمىغان.
2012-03-29
ئۇيغۇر رايونلۇق قاتناش-ترانسپورت نازارىتى بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان بىر يېرىم مىليون ئاققۇن ئىشچىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.
2012-03-29
تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان 5 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاندا باشلاندى.
2012-03-29
ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىن ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسەن شىمالىي كورىيىنىڭ سىناق قىلماقچى بولغان راكېتاسىغا يېقىلغۇ قويغانلىقىنى، راكېتانىڭ ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ 12-13 كۈنلىرى قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
2012-03-29
ئامېرىكا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى.