ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-22
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى، بۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.
2012-08-22
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.
2012-08-22
خىتاي دۆلەت كابىنېتى بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادى ساھەگە قارىتىلغان بىر قىسىم مەمۇرى تەكشۈرۈش چارىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئاددىيلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
2012-08-22
خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن، سۈرىيە خەلقىنىڭ بەشار ئەساد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇشى تېخىچە داۋاملاشماقتا.
2012-08-21
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 729 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان.
2012-08-21
غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى روزى ھېيت ۋە يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن كېتىپ تۇرۇشقا زورلانماقتا.
2012-08-21
«كۈزدىكى سۇ ۋە بىپايان ئاسمان» ناملىق ماقالە ئەسلىدە تەخەللۇسى مو رۇڭ شۆسۈن بولغان ئۆكتىچى يازغۇچى خاۋ چۈننىڭ خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن نۇتقى بولۇپ، بۇ ماقالە چەتئەللەردىكى تور بەتلەردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
2012-08-21
خىتاينىڭ شەرقىگە، ياپونىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئادەمسىز كىچىك ئاراللار مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيىلىك توقۇنۇش پەيدا قىلماقتا.
2012-08-21
ئۇچۇر-ئاخبارات ھەر قانداق دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، ھەر قانداق دىنى ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بولسۇن مەيلى دىنسىز ئىنسانلار بولسۇن ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2012-08-21
تىل، يېزىق ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگىگەن مىللەتلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش پۇرسەتلىرىمۇ تۈگىگەن بولىدۇ. تارىختا بۈگۈنكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تەۋەسىدە بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرۇپ ئەسىرلەپ دەۋر سۈرگەن مانجۇلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
2012-08-21
سۈرىيە ئەرەب باھارىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن توختاپ قالغان بېكىتى بولۇپ قالغان. 18ئايدىن بىرى سۈرىيە كرىزىسى ھەل بولماي كەلمەكتە.
2012-08-21
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن ھېيت نامىزى ۋاقتىدا، كۇچا ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
2012-08-21
خىتاي دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ بېشىدا قورغاس ناھىيىسىدە جېجاڭلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان يەنە بىر خەلقئارا چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار قورغاستا قۇرۇلۇۋاتقان بۇ بازار سەۋەبلىك، بۇلتۇردىن بۇيان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2012-08-21
بېيجىڭدىكى «خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى» 21-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
2012-08-21
چەتئەللەردىكى تىبەت تور بېكەتلىرى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، لخاسا شەھىرىنىڭ «2012-يىلى خىتايدىكى ئەڭ بەختلىك شەھەر» دەپ باھالانغانلىقىغا قارىتا مەسخىرە ھەم كىنايىلىك خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىدى.