ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-03-31
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! ياخشىمۇ سىلەر؟ بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىسىدە سىلەر بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمىز. ھەممەيلەننىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە چىن يۈرەكتىن تىلەكداشمىز! ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن، «يىلتىزى» ئىسىملىك بىر شائىرىمىز قەلەمگە ئالغان «ئۇيغۇر كوچىسى» ۋە «ئۇيغۇر ئۆيلىرى» ناملىق مۇخەممەسنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن پىدائىي تەييارلىغان «تەكلىپ قىلماڭلار» ناملىق شېئىرنى ئاخىرىدا، «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىمنىڭ: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.
2012-03-31
ئەتىگەن تالدا يۈز يۇيۇپ تۇراتتۇق، ئەرلەر ياتىقىدىن سەلەي ئاكا چىقىپ بىزگە: بۇ بالىلار سىلەرنى تونۇيدىكەن،ئابلىز ئاخۇن كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. ئاپام ئاڭلىسا قانداق قىلار،دەپ كېچىچە يىغلاپ چىقتى.ھېلىھەم يىغلاپ ئولتۇرىدۇ.زۇنۇن ئاخۇنمۇ بەك كۆڭۈلسىز، ئۇلار ئۇخلىيالمىدى. سىلەر كىرىپ بەزلەپ قويساڭلار دېدى.
2012-03-31
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2004 - يىلدىن بۇيان «ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئاز» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن تاقىلىپ كەتكەن بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، «قوش تىل ئوقۇتۇشى ئاجىز» دەپ قارالغان بەزى جايلاردا ياتاقلىق مەكتەپلەرنى يەنە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-03-31
تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۈەننىڭ تىبەت رايونىدا جۈمە كۈنى يەنە ئىككى تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى ئۆلگەن بولۇپ، يەنە بىرىنى خىتاي ساقچىلىرى ئېلىپ كەتكەن.
2012-03-31
ياپونىيىدىكى تور بىخەتەرلىكى شىركىتى : ترەند مىكرو جۈمە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ھىندىستان، ياپونىيىلەرگە قارىتىلغان «تور جاسۇسلۇق» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-03-31
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال جەيمىس ماتتىس شەنبە كۈنى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەھمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2012-03-30
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بۇراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
2012-03-30
جۇ يۇڭكاڭ، ۋاڭ لىچۇەنلەر بېيجىڭدا ئاچقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن توغرىسىدا، تۈركىيىدە تۇرۇۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
2012-03-30
ئىستانبۇل شەھىرى بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ 39 ناھيىسى بار، بۇ ناھىيىلەردىن بىرسى زەيتىنبۇرنۇ رايونى بولۇپ بۇ، بۇ ناھىيە ھەم شەھەر ئىچىگە ھەم دېڭىز بويىغا جايلاشقان مۇھىم رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2012-03-30
ئۆتكەندە ياش تۈركىستان ژۇرنىلىنىڭ 1934 - يىلى 3 - ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا ياش تۈركىستان ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى مۇستافا چوقاي يازغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئاڭلىتىمىز.
2012-03-30
يېقىندا مىسىرلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئىززىددىن ۋەردانىينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ماقالىلەر» ناملىق ئەسىرى قاھىرە شەھىرىدە نەشردىن چىقتى.
2012-03-30
ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان 30 ئوغۇل مەشرىپى مۇنتىزم تەشكىلى قۇرۇلمىسى، مۇكەممەل ئىنتىزامى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى قۇرۇلمىسى شۇنداقلا مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات، سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خەلقنى يىتەكلەيدىغان، ياشلارنى تەربىيىلەيدىغان خەلق مەكتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2012-03-30
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى پالاتا ئەزالارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن تىبەت ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.
2012-03-30
جۈمە كۈنى دارامسالادا نەچچە مىڭ كىشىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلىك ياش جامفېل يېشىنى دەپنە قىلغان. لېكىن جامفېل يېشى دەپنە قىلىنغان شۇ كۈنى سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا يەنە ئىككى تىبەت راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2012-03-30
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇمنى توختىتىشقا چاقىرىپ، سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسەدنىڭ چاقىرىقىغا جور بولدى.