ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-03-24
500 گە يېقىن نامايىشچى شەنبە كۈنى ئالمۇتادا نامايىش قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ژاناۋزەن نېفىت شەھىرىدە قازاق ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن نامايىشچىلارغا ماتەم تۇتتى ۋە تۇتۇلغان نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2012-03-24
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تور بەتلىرىدە دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلىنغان بىر ئوبزور بېسىلغان بولۇپ، ئوبزدار دالاي لاما «ناتسىستلار غا ئوخشاش مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
2012-03-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما شەنبە كۈنى ئەتىگەن 53 دۆلەت رەھبىرى قاتنىشىدىغان يادۇر بىخەتەرلىكى يىغىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقتى.
2012-03-24
بۈگۈن سىلەرگە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ۋە بۇ يولدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تىنىمسىز كۈرەش ئېلىپ بارغان، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى، خىتاينىڭ قاراڭغۇ ۋە زەي تۈرمىسىدە 30 يىل ئازاب چەككەن، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ھۆر دۇنياغا ئىنتىلىپ، ئارىمىزدىن مەزگىلسىز ئايرىلغان مەرھۇم ئىنقىلابچى بارات ھاجى ھەققىدە ئىشلەنگەن پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
2012-03-24
تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ساجىسە ماھىنۇردىن: - سىز شۇنداق يۇقۇرى دۆلەتلىك ناخشا - ئۇسۇل ئانسانبىلىدىن قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟ دەپ سوراپ قالدى. مەنمۇ بىلگىن كېلىپ قىزىقىپ ماھىنۇرغا قارىدىم.
2012-03-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نوپۇس ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن.
2012-03-23
يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشتىن توسۇپ قېلىنغان نۇرۇنگۈل ھەم ئەمەت قاسىم قاتارلىق ئەرزدارلار، خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەرلىك دائىرىلەردىن ئەرزىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-03-23
خىتاينىڭ خوڭكوڭدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە رايونى بولغان ماكاۋدا ئېنگىلىزچە ۋە خىتايچە چىقىدىغان گېزىتلەردە، خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەينىڭ ماكاۋدىكى قىمارخانىلاردىن نېرى كەتمەيدىغان قارا گۇروھلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.
2012-03-23
د ئۇ ق نىڭ 4 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە 6 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنى 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، مەخسۇس «قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇلۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان ئىدى.
2012-03-23
ھاياتلىق مۇساپىسىدە ھەمىشە خۇشاللىق، ھەمىشە ئۇتۇقلا بولمايدۇ. ئىنسان بەزىدە ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان - زەخمەتلەرگە، يېڭىلىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. زىيان - زەخمەت ئاچچىق، يېڭىلىش ئاچچىق، پىلاننىڭ بەربات بولۇشى ئاچچىق، دېمەك زىيان تارتىش شۇنداق ئاچچىق نەرسە.
2012-03-23
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆتمۈش تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلەرنى، ئۇنىڭ ھايات ۋە كۈرەش يولىنى ئەكس ئەتتۈرسە، بەزىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.
2012-03-23
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا ئامېرىكا جورجتاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
2012-03-23
4-ئايدىن باشلاپ قەشقەر بىلەن خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى ئارىسىدا يولۇچىلار ئايروپىلان قاتنىشى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2012-03-23
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشكە چەكلىمە قويۇپ، قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش سىستېمىسىغا كۆچىدىغانلىقى، بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.