ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-04-29
يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان جەنۇبىي سۇدان پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي تەرەپ جەنۇبىي سۇدانغا 8 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە قوشۇلدى.
2012-04-29
بۇ يىل 1 - ئاپرىل كۈنى ئۆزبېكىستان تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دىئالوگ داۋاملىشىپ، ئۆزبېكىستان ھەر مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى 264 دوللاردىن سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، 1 - ئاپرىل كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىۋېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن تەبىئىي گاز كېلىئىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق، 16 - ئاپرىل كۈنى تاشكەنت بىردىنلا دۈشەنبە بىلەن قايتىدىن گاز تەمىنلەش كېلىشىمى تۈزۈشكە رازى بولغان.
2012-04-29
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «يەكشەنبە ۋاقتى» مەجمۇئەسىنىڭ يېزىشىچە، بۇ يىل ئەنگلىيىدىكى ئەڭ باي ئادەملەرنىڭ رويىخېتىنى تۇرغۇزغاندا، بىر نەپەر ئۆزبېك بېيى، يەنى ئەلىشىر ئوسمانوف، ئەنگلىيىدىكى بۇ يىللىق ئەڭ باي ئادەملەر تىزىملىكىدە 2 - ئورۇننى ئىگىلىگەن.
2012-04-29
شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى ئۆز ئۆيىدە نەزەربەنتتە تۇرىۋاتقان ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چېن گۇاڭچېڭ نەزەربەنتتىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ قېچىسىغا ياردەم بەرگەن بەزى ئادەملەرنى تۇتۇپ كەتكەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇجا تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ساقچىلار ئۇنىڭدىن ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنىڭ قېچىشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى سورىغان.
2012-04-28
ئامېرىكىدىكى «جۇڭگوغا ياردەم» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە نەزەربەند ئاستىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-04-28
ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىلمەكچى بولغان كۈرەشچى ئايروپىلان مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-04-28
شەنبە كۈنى ئالمۇتىدا يۈزلىگەن ئۆكتىچى نامايىش قىلىپ، ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي قازاقىستاندىكى نامايىشقا چېتىلىپ جازاغا تارتىلغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2012-04-28
تۈركىيە ئۆزىنىڭ سۈرىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چېگراسىنى قوغداشتا ناتونىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ سۈرىيە تەرەپنىڭ نازلىقىنى قوزغىغان.
2012-04-28
بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن نام – شەرىپى بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ، ئەسلىدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى، 18 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەدىبى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، شائىر، ئۆلىما مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاندىن «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.
2012-04-28
مەن تىنچلىقىنى بۇزۇپ: بۇ يەردە ئادەملەرنى ئۇرامدۇ قانداق؟ دەپ سورۇدۇم. ئالتۇنخان غەمكىن كۆزلىرى بىلەن بىزگە قاراپ تۇرۇپ: ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى قەغەز يۈزىدە چىرايلىق يېزىلغان،لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكسى بۇ يەردە. دۈيجاڭ،گەنسى،تېخنىكلار،قىسقىسى ئاددىي كادىردىن تارتىپ ھەممىسى ئادەم ئۇرىدۇ.
2012-04-27
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ 3 - قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ۋە چەت دۆلەتلەرنى بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرغان ئىدى. مەزكۇر تىزىملىككە قارىتا مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى Youtube تورىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا بىر بايانات ئېلان قىلىندى.
2012-04-27
خەلقئارا ئۇرۇش جىنايىتى مەھكىمىسى لىبىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى چارلېس تايلورغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگۈچى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
2012-04-27
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېڭ يەنشېڭ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن، ئۇ جاۋاب بەرگەن بىرىنچى مەسىلە - خىتاي ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھارمۇ دېگەن مەسىلە.
2012-04-27
چەتئەللەردىكى كۆچمەن خىتاي مۈلۈكدارلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ، خىتايدىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىكەنلىكى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىكى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
2012-04-27
4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بىلگىيىدىكى لىيۇۋىن ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن لىيۇن ئۇنىۋېرىسىىتېتنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى فاكولتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.