ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-31
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى ھارپىسىدا، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان كىشىلەر ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلمەكتە. ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى يەرمەنكىگە تەھدىت دەپ سانالغانلار ھەققىدە مەخسۇس قارا تىزىملىك تۇرغۇزغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن مەخسۇس ساقچى گۇرۇپپىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى يۇرتىغا ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. مۇخبىرىمىز بۈگۈن خوتەندىن كېلىپ ئاكتىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى. ساقچى خادىمى، مەزكۇر تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
2012-08-31
يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ياۋرۇپا تۇپراقلىرىدا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن سىرت، ۋەتەن - مىللىتىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تېرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.
2012-08-31
ھەر يىلى 29 - ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا خەلقى ئاتوم يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
2012-08-31
بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا، مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىنىڭ پەقەتلا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بولماقتا.
2012-08-31
«يېڭى دۇنيا قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتاب پېگاسۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى پاراگ خاننا ئىنگلىز تىلدا يازغان بولۇپ، كىتابنى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئەلىف نىھان ئاقۋاش تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان.
2012-08-31
يېقىندىن بېرى بىرمىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا تۈرك مەتبۇئاتلىرى كەڭ كۆلەمدە يەر بەرمەكتە. تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرمىدىن قېچىپ قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرگە ياردەم بويۇملىرى ئەۋەتمەكتە.
2012-08-31
يېقىندا خىتاي ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى مىكرو بلوگدا قەشقەر ۋوگزالىدىكى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭ قولىدىكى كىملىكنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن تارقىتىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كومپيۇتېرىنى ئالاھىدە تەكشۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
2012-08-31
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان 17 مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاۋۋال بەلگىلەنگەن مەكتەپلەردە مۇلازىمەت قىلغاندىن كېيىن، رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-08-31
ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش نازارىتى يېقىندا سېنكاكو ئارىلى ھەققىدە قارار ئېلىپ، كېلەر يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، سېنكاكو ئارىلىدا ئارالنى قوغداش قوشۇنى تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-08-31
26-ئاۋغۇست شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئاپتوموبىل قازاسىدا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇستىكى 39 نەپەر يولۇچىدىن 36 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، خىتايدىكى يولۇچىلاردا قاتناش بىخەتەرلىكىگە بولغان ۋەھىمىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
2012-08-31
كلىنتون خانىمنىڭ 30-ئاۋغۇست باشلىغان زىيارىتى 11 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ جەرياندا تىنچ ئوكياندىكى كۇك تاقىم ئاراللىرى، ھىندونېزىيە، خىتاي، شەرقىي تىمۇر، برۇنېي، رۇسىيە قاتارلىق 6 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
2012-08-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن 30-ئاۋغۇست «خەلقئارا غايىب بولغانلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىردى.
2012-08-30
ناماز ئوقۇغانلىقى ۋە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك جازا مۇددىتىنى 12 يىلدىن 24 يىلغا ئۇزارتىش، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سوت سەھنىلىرىدە ئاز ئۇچرىشى ۋە بەلكىم ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن.
2012-08-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان قوش تىل مائارىپ تەدبىرلىرى مائارىپ ئىلمىگە، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىش.