ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-29
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھېلارى كلىنتون 4- ۋە 5-سېنتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي بىلەن قوشنا ئەللەر ئارىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىز ۋە سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پەيدا قىلغان ئىختىلاپ ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىپ، خىتاينى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىكەن.
2012-08-29
سانجىدىكى خۇڭشىڭ ناملىق بىر كۆمۈر كېنىدا سەيشەنبە كۈنى ھادىسە يۈز بېرىپ، 6 ئادەم ئۆلگەن، 6 ئادەم يارىلانغان. ھادىسە يۈز بەرگەن كان تۇدۇنخابادا بولۇپ، سانجى شەھىرىگە 70 كىلومېتىر كېلىدۇ.
2012-08-29
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ فلورىدا شتاتىدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى ماقۇللىغان پارتىيە نىزامنامىسىدە خىتاي تەنقىد قىلىنغان.
2012-08-29
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كلاۋدىيە رۇس، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2012-08-29
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ب د ت غا چاقىرىق قىلىپ، سۈرىيە زېمىنى ئىچىدە مۇساپىرلار لاگېرى قۇرۇپ، سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ داۋاملىق تۈركىيىگە ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
2012-08-28
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى ئىزدەۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بىر قىسىم رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز روزا ھېيت مەزگىلىدە مەزكۇر ئائىلىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان.
2012-08-28
ئۇيغۇرلاردىكى خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق، تەنقىدى ئىنكاسلار ئىزچىل كۈچلۈك بولۇپ كەلمەكتە.
2012-08-28
دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى.
2012-08-28
يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇردى.
2012-08-28
مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىينىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 28-چىسلادىن 30-چىسلاغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتايدىكى زىيارىتى خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.
2012-08-28
ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملارنىڭ ھەممىسى سۈرىيىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقتىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىپ يەتمەكتە.
2012-08-28
سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى زىلالىدىن سابىروف قىرغىزىستاندا ۋاپات بولدى.
2012-08-28
خىتاي دائىرىلىرى خېنەن، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشا، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىن يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئىشچىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاختا تېرىشقا ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل كېلىدىغان خىتايلارنىڭ سانى ئېنىق دېيىلمىدى.
2012-08-28
27-ئاۋغۇست سىچۈەننىڭ ئابىي رايونىدا يۈز بەرگەن يەنە ئىككى نەپەر تىبەت راھىبىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
2012-08-28
26-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل قازاسىدا 36 ئادەم ئۆلگەن. شەنشىدىكى مەلۇم ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تەبەسسۇم ھالىتىدە تۇرۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈرىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەمەلدار خىتاي تور بەتلىرىدە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.