ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-09
بو شىلەينىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قاتىللىق قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گۇ كەيلەي پەيشەنبە كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خېفېيدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلاندى.
2012-08-09
بۈگۈن گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن يىغىلغان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تەكلىپكە بىنائەن ۋېنگرىيىدە چاقىرىلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت بۇداپېشتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
2012-08-09
ئىسلام دىنىدا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز قىلىندى. روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز ئىبادەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى 5 ئاساسىي پەرز ئىبادەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2012-08-09
ئادەمىزاد تارىخىدا ئىسلام دىنىنىڭ تۇتقان ئورنى ئالاھىدىدۇر. ئىسلامنىڭ كېلىپ-چىقىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا تارقىلىش تارىخىنى ئۆگىنىش بۈگۈنكى كۈندىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2012-08-09
بۈگۈن 9-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيا يەرلىك خەلقلەر كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، يەرلىك خەلقلەر ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
2012-08-09
خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن خوڭكوڭدا بۇندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ كىيىمىگە مىكرو تىپلىق ۋىدىئو كامېرا ئورنىتىش ئارقىلىق سىنغا ئېلىش تۈزۈمىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ يىل ئاخىرىغىچە خوڭكوڭدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2012-08-09
خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئەركىنلىك سارىيى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى.
2012-08-09
رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترىي مېدۋېدېۋ پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، رۇسىيىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا چەتئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
2012-08-09
خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇ كەيلەي ۋەقەسى ۋە خىتاي تەنھەرىكەتچى ليۇ شاڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە چەكلىمە قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.
2012-08-08
ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەنگۈل خانىم قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2012-08-08
رامزان ئېيى 3-ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيگەن.
2012-08-08
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆز دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە قەرەللىك كېلىشكە، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە باشقا سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان.
2012-08-08
11 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان رامزان ئېيىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ دىنىي بېسىم سىياسىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالماقتا.
2012-08-08
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
2012-08-08
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 7-8-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان خىتايدىكى ئاخبارات، نەشرىيات ساھەسىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقلارنى بايان قىلدى.